07-07-2005، 04:35 پمئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (1) 2005.06.01
تو ۋىئەۋ لىنكس ئىن تھىس فورۇم يوئۇر پوست كوئۇنت مۇست بە 1 ئور گرەئاتەر. يوئۇر پوست كوئۇنت ئىس 0 مومەنتارىلي. تو ۋىئەۋ لىنكس ئىن تھىس فورۇم يوئۇر پوست كوئۇنت مۇست بە 1 ئور گرەئاتەر. يوئۇر پوست كوئۇنت ئىس 0 مومەنتارىلي.
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي (1961-يىلى)
2003-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدىكى "شەرق نەشىرىياتى" 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىنى ئۆزبېك تىلىدا نەشىر قىلدى.
ئەسەر1966-1973-يىللىرى يېزىلغان بولۇپ، بۇ مۇئەللىپنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرى بولۇشىغا قارىماي، ئۇ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن مەخپىي رەۋىشتە مەزكۇر ئەسىرىنى يېزىپ پۈتتۈرگەن. مىرزاقاماق شارائىتىدا تاماملانغان "تۈركىستان قايغۇسى" دا ئەلىخان تۆرىنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلىرى يەنى غۇلجىدا قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرگەن بىلگەنلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. ئەسەردە يەنە ئەلىخان تۆرىنىڭ مىللەت، سىياسەت، دىن ۋە مەدەنىيەت قاراشلىرىمۇ ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە تۈركىستاننىڭ ئىككى قىسىمى يەنى شەرقىي تۈركىستان بىلەن غەربىي تۈركىستان ئايرىلماس بىر گەۋدىدۇر. شۇڭا ئۇ ئۆز ئەسىرىگە تۈركىستان قايغۇسى دەپ نام قويغان.
ئەلىخان تۆرىنىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرى
1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە داۋاملاشقان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي 1946-يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق رازۋېتكا خادىملىرى تەرىپىدىن مەخپىي رەۋىشتە "سىزنى قورغاستا ئۆزبېكىستان كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ئوسمان يۈسۈپوۋ كۈتۈۋاتىدۇ. سۆزلىشىدىغان مۇھىم ئىشلار بار "دېگەن تەكلىپ بىلەن ئالداپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ھاياتىنىڭ قالغان قىسىمىنى تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزىدۇ. ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي بۇ جەرياندا "تۆمۈر تۈزۈكلىرى"، "مۇزىكا رىسالىسى"، "ناۋادىر ئۇل ۋەقە" قاتارلىق بىر قانچە ئەسەرنى پارىس ۋە ئەرەب تىلىدىن ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىدۇ ھەمدە "تۈركىستان قايغۇسى"،" دىۋان ساغۇنىي" قاتارلىق ئەسەرلىرىنى يازىدۇ.
ئەلىخان تۆرە ئەينى ۋاقىتتا ئۆز ھاياتىنى قاتتىق سوۋېت تۈزۈمى ئاستىدا، مىرزا قاماقتا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ جەمىيەت بىلەن كەڭ ئالاقە قىلىشى، ئۆز ئەسەرلىرىنى ئەركىن تۈردە ئېلان قىلىشى زور چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان بولۇشىغا قارىماي، ئۇ ئۆز غايىسى ۋە ئىدىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان شېئىرلارنى شۇنىڭدەك باشقا ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى يورۇقلۇققا چىقىشىغا ئىشەنگەن شۇنىڭدەك سوۋېت تۈزۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دىكتاتۇرۇلۇق ، مۇستەبىت سىستېمىلارنىڭ ھامان زاۋاللىققا يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرگەن ئىدى.
ئەلىخان تۆرە ئۆز ئەسىرىنى يېزىشنى تەڭرى ۋە مىللەت ئالدىدىكى قەرز دەپ بىلگەن
"تۈركىستان قايغۇسى" نىڭ مۇقاۋىسى
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي تۈركىستان قايغۇسى ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ ئەسەرنى يازغانلىقى ۋە نېمە سەۋەبتىن ئۇنىڭغا تۈركىستان قايغۇسى دەپ نام بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشىغا ئاللاھ ۋە مىللەت ئالدىدىكى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچى تۈرتكە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلىخان تۆرە بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
"مەن ئەلى ساغۇنىي ياشلىق-يىگىتلىك كۈنلىرىمدىن باشلاپ، ئەرەبى، فارىسى تىللارنى تولۇق رەۋىشتە ئۆزلەشتۈرگەن ئىدىم. زاماننىڭ ماڭا كۆرسەتكەن توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماي، تەڭرىنىڭ ياردىمىدە كەڭ كۆلەمدە دىنى، تىببى، ۋە تارىخى مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم. ئەرەبچە، فارىسچىلارنى يېزىش، شېئىر ئېيتىش قابىلىيىتى مەندە بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۆز تۈركىي ئانا تىلىمنى باشقا تىللاردىن ئارتۇقراق كۆردۈم. چۈنكى، قايسى بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەلمەي، باشقا يات تىللار ئالدىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ تىز پۈكسە، ئۇنداق مىللەت ئانچە ئۇزۇنغا قالماي ئىنسانىي ھوقۇقلاردىن ئايرىلغان ھالدا ئۇنىڭ ھايات دەپتىرى ئۈستىگە قارا خەت يېزىلىشى شۈبھىسىزدۇر. ئۇنداق مىللەتلەر پەقەت ۋەتەنلىرىدىنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بارلىقى بىلەن تارىخ يۈزىدىن يوقىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەرگە قاراپ، ئۆزۈمدە توپلىغان پەزىلەتلەردىن تارىخ ئىلمىنى تاللاپ ئالدىم. چۈنكى، شۇ ھازىرقى دەۋرىمىز 1966-يىلىدا ئۆز ۋەتىنىدە تۇرۇپ غېرب بولغان خەلقىمىز ئۈچۈن تارىخ ئىلمى بېلىققا- سۇ كېرەك بولغاندەك كېرەك ئىكەنلىكىنى مەن ئۇزۇندىن بۇيان سەزگەن ئىدىم".
"ئۆتمۈش تارىخىنى ئۇنتۇپ ھازىرقى تارىخىنى تونۇمىغان بىر مىللەت، قاراڭغۇدا قالغان، قولىدا تايىقى يوق كور كىشى كەبى قاياققا ئاياق بېسىشنى بىلەلمەي، دۈشمەننىڭ يېتەكلىشىگە ئەگىشىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئوچۇق پىكىرلىك سەزگۈر ۋەتەن ئوغلانلارى تارىخنىڭ قانداق زۆرۈر ئىكەنلىكىنى مېنىڭ شۇ سۆزلىرىمدىن ئىلھام ئېلىپ چوڭقۇر چۈشىنىشلىرى كېرەك".
"ئەمدى ۋەتىنىم مېنى سۆيمىسىمۇ، مەن ئۇنى سۆيگەنلىكىمدىن، ئولۇسۇم مېنى مەسىتمىسىمۇ، مەن ئۇنى مەنسىتكەنلىكىمدىن، ۋەتەن ئۈستىدە بولىۋاتقان تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ھەم بۇنىڭ كېلەچەكتىكى ياخشى-يامان نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىپ، ۋەتەن بالىلىرىغا ئۈلگە بولغىدەك، باشقىلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالغۇدەك، بىر تارىخىي ئەسەر يېزىشقا كىرىشتىم. بىراق مەن پەقەتقىنا ئىسلامپەرەس ئەمەس ئىدىم. بەلكى يارىلىشىمدىنلا ئىنسانپەرەس ئىدىم".
ئەلىخان تۆرە ئۆزبېكىستان ھەققىدە ئەسەر يېزىشتىن كۆرە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېزىشنى زۆرۈر دەپ بىلگەن
ئەلىخان تۆرە ھاياتىنىڭ مۇھىم قىسىمىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ مەزكۇر ئەلنىڭ سىياسىي تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان شەخس ئىدى.
ئەلىخان تۆرە ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆز قىسىمىدا يەنە ئۆزىنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا قانچىلىغان دەردلىك كۆز ياشلىرىنىڭ قەغەزلەر ئۈستىگە تۆكۈلگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئەسەرنى "تۈركىستان قايغۇسى" دەپ ئاتىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى ئېلىخان تۆرىنىڭ ئادەتتىكى كۆز ياشلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزى ئەقىدە باغلىغان غايىسى ئۈچۈن تۆكۈلگەن ياشلار، تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ كەڭ زېمىننىڭ ئازادلىقى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئازابلانغان قەلب زارلىرى ئىدى.
ئەلىخان تۆرە يەنە ئۆز ئەسىرىنى ئەسلىدە ھازىرقى ئۆزبېكىستان دەپ ئاتالغان ئۇنىڭ ۋەتىنى ھەققىدە يېزىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، بىراق بۇ يەرلەردە ئاخىرقى ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن ئېغىر ھادىسىلەر، دەھشەتلىك ۋەقەلەر، تېگى يوق دېڭىز كەبى تۈگىمەس داستان بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقتىنچە بولسىمۇ، ئۇلارنى قويۇپ تۇرۇشنى قارار قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغان:
"شۇ كۈنلەردە ئەجدىھار ئاغزىغا كېلىپ قالغان، بىزدىن بالدۇرراق يۈتۈپ كېتىلىش ئالدىدا تۇرغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يازماقنى ئەلا كۆردۈم. چۈنكى، بۇ يەردە 1931-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە بولۇپ ئۆتكەن ئۇلۇغ تارىخىي ۋەقەلەرگە ئۆزۈم باشچىلىق قىلىپ، ئەمگىكىم سىڭگەن، كۆزۈم كۆرگەن ئىدى. باشقا ۋىجدانسىزلار كەبى تارىخ يۈزىنى قارىلاشتىن ساقلىنىپ ئۆتكەن ھادىسىلەردە بولغان ۋەقەلەرنى ھېچ ياققا بۇرىماستىن ئەينى، توغرا يېزىشنى لازىم تاپتىم. لېكىن، بۇ ئىككى ئۆلكىنىڭ تارىخى، سىياسىي ئەھۋاللىرى بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى باغلىنىشلىق ئىدى . مەن پۈتۈن دۇنيانى كۈرەش مەيدانىغا چاقىرغان سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ 1917-يىلى قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپ، 1931-يىللارغىچە ئۆتكەن دەھشەت-ۋەھشىي كۈنلەرنى ئازراق بولسىمۇ، يەنى گويا دېڭىزنىڭ بىر قەترىسى كەبى بولسىمۇ يېزىپ چىقمىقىمنى تارىخىي ۋەزىپەم دەپ بىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن چەكسىز قۇدرەتلىك ئۇلۇغ تەڭرىگە سېغىنغان ھالدا شەرقىي تۈركىستانغا ئوتكۈنۈمدە كۆرگەنلىرىمنى، قىلغان ئىشلىرىمنى بايان قىلماقچى بولۇپ، سۆزگە كىرىشتىم.
ئەلىخان تۆرە شۇنىڭدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىنى باشلايدۇ.
(ئۈمىدۋار)
--------------------------------------------------------------------------------
ئايبەك07-07-2005، 04:37 پمئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (2)
2005.06.08
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ئۆز ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تاشكەنتتە يېزىپ پۈتتۈرگەن "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسلىمە خاراكتېرلىق ئەسىرىنىڭ 1-تومىنىڭ دەسلەپكى بابىنى "قەشقەرگە ئۆتۈش" دەپ ئاتىغان.
ئاپتور بۇ باپتا ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن قەشقەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى شۇنىڭدەك 1917-1920-يىللىرىدا رۇسىيىدە يۈز بەرگەن چار پادىشاھنى ئاغدۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى تىكلەش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك ۋەقەلەر ھەققىدە بايان قىلىدۇ.
ئەلىخان تۆرىنىڭ نەزىرىدىكى بولشىۋىكلەرنىڭ ماھىيىتى
ئەلىخان تۆرە سوۋېت بولشىۋىك ھاكىمىيىتىگە چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىكى سەۋەب بولشىۋىكلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شەپقەتسىزلىكلىرى، خەلقنى سىنىپلارغا ئايرىش بىلەن تەپرىقىچىلىق، مىللىي ئايرىمىچىلىق قىلغانلىقلىرى ۋە باشقىلار ئىدى. ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئۆز بايانلىرىنى مۇنداق دەپ باشلايدۇ:
- ھايات تارىخى-ئىنسانلارنىڭ سىنىپىي كۈرەشلىرىدىن ئىبارەت دېگەن خاتا پىكىر كارل ماركس تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۈنىدىن باشلاپ، خەلق ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە ھەسەد ئوتلىرى قوزغىلىپ، ئىنسانلار ئالىمىگە پىتنە-پاساتلار ئىشىكى ئېچىلغان ئىدى. بۇ پىكىرنى قارىغۇلارچە قوبۇل قىلغۇچى ئادەملەرنىڭ قولىغا ھۆكۈمەت ئۆتكەندىن كېيىن، خەلق ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي ئايرىمىچىلىقنى ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئىشچىلار ھاكىمىيىتى نامىدىن دەھشەتلىك قانۇنلارنى چىقاردى.
- ئۇنىڭ نەتىجىسىدە قارا ئىشچى، نادان دېھقانلاردىن باشقا خەلق ئىچىدە ھەقلىق(قانۇنلۇق) ۋە (قانۇنسىز)ھەقسىز دېگەن پىتنە غەۋغاسى باشلاندى. دىندارلارنىڭ سۆزى بويىچە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، دەھرىلەرنىڭ سۆزى بويىچە، تەبىئەت قانۇنىغا قارشى تۇرۇپ، ھاياتلىق ئالىمىدە باراۋەر ھوقۇقى بىلەن يارىتىلغان ئىنسانلار ئىچىدىن بىر قىسىمىنى، ئۆزلىرى چىقارغان خىيالىي قانۇنلىرىغا ئاساسلىنىپ،ئۇلارنى ھاياتلىق ھوقۇقلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلدى. بۇ ئارقىلىق ئېتىلغان-چېپىلغان گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ ھېسابى يوق ئىدى. ئۇلاردىن ئېشىپ قالغان قانۇنسىزلار ۋە ھەم قېچىپ يۈرۈپ قولغا چۈشمىگەن كىشىلەر ھەققىدە ھەر تۈرلۈك جازالار بەلگىلەندى. بەزىلىرىنىڭ بارلىق بايلىقلىرى(نەرسىلىرى) مۇسادىرە قىلىنىپ، بالا-چاقىلىرى كوچىلارغا ھەيدىلىپ، ئۆزلىرى يىراق يەرلەرگە سۈرگۈن قىلىندى. ئۇلارنىڭ كۆپلىرى قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماقلارغا ئېلىنىپ، ئېغىر ئىشلارغا سېلىندى. خەلق ئوتتۇرىسىدىكى بەزى بىر ئادەملەرنى قورقىتىش ۋە ئالداش يوللىرى بىلەن يوشۇرۇن خىزمەتلەرگە باغلىدى.
- ئۇرۇش-تىللاش ۋە قىيناشلار دەھشىتىدىن ئىمانلىق -ئىمانسىن، ۋىجدانلىق-ۋىجدانسىز كىشىلەر، بۇ مەنسەپپەرەس جاللادلار ئالدىدا (بىر تەكىس) تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. چۈنكى، تاپشۇرۇقلار تولۇق رەۋىشتە بېجىرىلمىسە، ئۇلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئېغىر جازالارنىڭ دەرھال ئەمەلگە ئېشىشى شۈبھىسىز ئىدى. ھېچ قانداق گۇناھسىز، ئۆزلىرىگە قارشى دەپ بىلگەن كىشىلەرنى شەپە چىقماس يەر ئاستى ئۆيلەرگە كىرگۈزۈپ، قىيناش ئاستىدا ئۆلتۈرۈش كەبى ۋەھشىلىكلەر ئادەتتىكى ئىشلاردىن ئىدى. بۇ جاللاتلارنىڭ قولىغا چۈشكەن بەختسىز مەزلۇملار، قىيناشنىڭ قاتتىقلىقىدىن كۆڭۈللىرىدىكى سۆزلىرى، كۆمۈلگەن ماللىرىنى يوشۇرۇپ قېلىش بۇياقتا تۇرسۇن ئۆمرىدە ئاڭلىمىغان، كىشىڭ خىياللارىغا كىرمەيدىغان سىياسىي تۆھمەت سۆزلىرىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقلىرىدىن، ئۇلارنىڭ كۆپلىرى پاجىئەلىك ھالاك بولدى".
ئەلىخان تۆرە بىر مەزگىل تۇڭگانلار ئارىسىدا يوشۇرۇن ياشىغان
ئەلىخان تۆرە ئۆز يۇرتى توقماقتا تۇرالماي، بىر مەزگىل سۇقۇلۇق دېگەن جايدىكى تۇڭگانلار ئارىسىدا ياشايدۇ. بۇ تۇڭگانلار ئەسلىدە ياقۇپ بەگ قوزغىلىڭى زو زوڭتاڭ تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، قەشقەرىيىدىن قېچىپ ئۆتكەن بەيياڭخۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىدى.
ئەلىخان تۆرە تۇڭگانلارنىڭ ھىمايىسىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇنىڭ دىنىي بىلىمىلا ئەمەس، بەلكى راسچىل، سەمىمىي بىر ئىنسان ئىكەنلىكى ئىدى. ئۇ تۇڭگان خەلقىغە ھەم يۇقىرى باھا بېرىدۇ. ئەلىخان تۆرە تۇڭگانلارنىڭ قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
- ئىنقىلاب باشلانغان دەۋرلىرىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك كىشىلەر ئۆز ئۆيلىرىگە سىگمىغانلىقىدىن مەن ھەم ئوز ۋەتىنى توقماق شەھىرىدە تۇرالماستىن بىزدىن يۈز چاقىرىم يىراقتىكى سۇقۇلۇق دېگەن جايدا، تۇڭگانلارنىڭ ئىچىدە كۈن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. چۈنكى بۇخارا ئوقۇشىنى شۇ زامان ئادىتى بويىچە پۈتتۈرۈپ، قايتقىنىمدا دىنىي ئىلىم ئوقۇغۇچىلىرى ئاز بولسىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە تېپىلار ئىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار باشقىلارغا قارىغاندا ھەر جەھەتتىن بىزلەرگە ياردەمچى ئىدى. تۇڭگان خەلقىنىڭ كېلىپ چىقىشى، تارىخىنى ئورنى كەلگەندە ئەلۋەتتە يېتىشىمىز بىزنىڭ ۋەزىپىلىرىمىزدۇر.
-1919-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا پىشپەككە قاراشلىق قارا بالتا، ئاقسۇ كەبى 18 رۇس قىشلىقى بىرلەشكەن ھالدا بولشىۋېكلەرگە قارھسى قوزغىلاڭ كۆتەردى. بايلىققا توشقان پىشپەك، سۇقۇلۇق تۇڭگانلىرى ھەم چۈشەنمەسلىكتىن بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ قالدى، نەتىجىدە تارتقۇلۇق پۈتۈنلەي ئۇلارنىگ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئەڭ ئېغىر زەربىلىك كالتەكلەر بۇلارنىڭ باشلىرىدا ئوينىتىلدى. شۇنداق قىلىپ، قىزىل ئارمىيە بەش يۈز ئۆيلۈككە يەتمىگەن سۇقۇلۇق تۇڭگانلىرىدىن سەككىز يۈز كىشىنى ھەيدەپ كېلىپ، بازار ئوتتۇرىسىدا پىلىموتقا تۇتتى. ئۇلار ئىچىدىن ئوق تەگمەي قالغان ياكى يارىدار بولۇپ، جېنى چىقماي تۇرغانلارنى قىزىل ئەسكەرلەر ئارىلاپ يۈرۈپ، نەيزىلەپ ئۆلتۈردى، قوزغىلاڭچىلار مەركىزى بولغان بەش مىڭ چامىلىق ئاقسۇلۇق رۇسلاردىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئۆلۈم جازاسى كۆرگەنلىرىم ئوتتۇزدىن ئاشمىغان ئىدى.
ئاللاھ ساقلىسا بالا يوق دېگەندەك شۇ يىلى سۇقۇلۇققا بېرىشتىن مېنى ساقلاپ، بۇ كەبى نەتىجىسىز، قانلىق قوزغىلاڭ ئاپەتلىرىدىن ئۆزى ئاسراپ قالدى. شۇ ۋەقە بولغاندا مەن توقماقتىن سەككىز چاقىرىم شىمال تەرەپتىكى تۇڭگان قىشلىقى قاراقوڭغۇز مەسچىتىدە ئىدىم. پىشپەك، سۇقۇلۇق قاچاقلىرى قىلىچ، مىلتىق كەبى بارلىق قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا تونىغان-تونىمىغان ئارىلاش مەنى ئىزدەپ، كىرىپ كېلىشتى. بۇنى كۆرگەن مەشچىت قوۋملىرى ئۆز باشلىرىدىن قورقۇشۇپ، ۋە يانا مەنى ئايىغانلىقلىرىدىن ئۇلارنى بۇ يەردە قوندۇرماسلىق ئۈچۈن مەسلىھەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق مەن بۇنىڭغا رازىلىق بىلدۈرمىدىم. بۇ كەبى زور ئاپەتلەردىن مېنى نەچچە قېتىم ساقلاپ قالغان مېھرىبان تەڭرىم ئىلتىپاتىغا ئىشەنگەنلىكىمدىن بۇ مەزلۇملارنى ئەرلەرچە ئوچۇق چىراي بىلەن قارشى ئېلىپ، سۇنۇق كۆڭۈللىرىنى كۆتۈردۈم. ئۇلار بۇ يەردە يوشۇرۇپ ئېلىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىدىن ، ئىلگىرى-ئاخىرى ئىككى -ئۈچ كۈن تۇرۇشقاندىن كېيىن، ئالمۇتا، يەركەنت چېگرىلىرى ئارقىلىق غۇلجىغا ئوتمەكچى بولۇپ كەتتى".
ئېلىخان تۆرە خاتىرىسىدىكى تۇڭگانلار
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى، ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي 1919-يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل ئەتراپىدا يۈز بەرگەن رۇس، تۇڭگان ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بولشىۋىكلەرگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ مەغلۇبىيەت سەۋەبلىرىنى خۇلاسىلاشقا تىرىشىدۇ. ئۇ سۇقۇلۇق رايونىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئېتىقادىغا تايىنىپلا، ئۆزىدىن قۇدرەتلىك دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلغان بولسىمۇ، بىراق پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ۋە دەھشەتلىك قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىغا نىسبەتەن قاتتىق ئېچىنىشىنى ئىپادە قىلىدۇ.
ھەقىقەتەن، تارىخىي پاكىتلارغا قارىغاندا، سوۋەت ھاكىمىيىتى تىكلەنگەن دەسلەپكى يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقلىرىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، كەڭ كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭلار پارتلىغان ئىدى. بۇ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە ئۆزبېك، قىرغىز، تۇڭگان، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەر سوۋەت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تاكى 90-يىللارغىچە "باسمىچىلار ھەرىكىتى" دەپ ھاقارەتلىنىپ كەلگەن .
شۇ قېتىمقى قوزغىلاڭلار سوۋەت كوممۇنىست قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى فرۇنزى تەرىپىدىن دەھشەتلىك تۈردە باستۇرۇلغان بولۇپ، يەتتە سۇدىكى بىر قانچە ئون ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن كوللېكتىپ ھالدا قىرغىن قىلىنغان ئىدى. بۇ ۋەقە تارىختا" ئاتۇ ۋەقەسى" دەپ ئاتالغان . دېمەك، ئەلىخان تۆرە ئەنە شۇ پاجىئەلەر ھەققىدە يېزىشنى مىللەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيەت دەپ بىلگەن.
(ئۈمىدۋار)
--------------------------------------------------------------------------------
ئايبەك07-07-2005، 04:40 پمئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (3)
2005.06.09
ئەلىخان تۆرە 1919-يىلى ئىسسىق كۆل ئەتراپىدا يۈز بەرگەن كوممۇنىستلارغا قارشى بىر مەيدان قوزغىلاڭنىڭ پاجىئەلىك مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئېچىنىش ھېسسىياتىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە گەرچە بۇ قوزغىلاڭغا ئىسسىق كۆل بويلىرىدىكى يېزىلاردا ئولتۇرۇشلۇق رۇسلارمۇ قوشۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن قىرغىنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ ،پەقەت ئوتتۇز نەچچە كىشىلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ خالاس. ئەمما قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشقان باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر جۈملىدىن تۇڭگانلار دەھشەتلىك تۈردە كوللېكتىپ قىرغىنچىلىقلارغا دۇچار بولىدۇ.
يېگەن تۇزنى قايتۇرۇش يولىدا
ئەلىخان تۆرە بۇ چاغدا تۇڭگانلار ئارىسىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ دادىللىق بىلەن بىر قانچە شاگىرتلىرىنى ئېلىپ، سۇقۇلۇقتىكى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بېرىپ، پالاكەتكە يولۇققان خەلقتىن ھال سوراش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلىدۇ:
"سۇقۇلۇق تۇڭگانلىرىنىڭ تۇزلىرىنى يەپ، ياخشىلىقلىرىنى كۆپ كۆرگەن ئىدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىشەنچىلىك شاگىرتلىرىم ۋە دوستلىرىم كۆپ ئىدى. بۇنداق ۋاقىتلاردا بېرىش خەتەرلىك بولسىمۇ، بىراق چىداپ تۇرالماي ئۈچ تۆت شاگىرتىم بىلەن بىر ھارۋا ئادەم بولۇپ، سۇقۇلۇق تەرەپكە يول ئالدۇق. پىشپەككە كەلگىچە تۇڭگان قەلئەسى يول ئۈستىدە بولغانلىقىدىن، ئۇنى ئارىلاپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. يېقىنلىشىپ بارغان ساينىڭ بويىدىكى كۆز كۆرگەن كۆڭۈلسىز نەرسىلەرنى تىل سۆزلەپ، قەلەم يېزىپ چىدىيالمايدۇ. مۇنتىزىم ئەسكەرلەرگە، قوراللىق قوشۇنغا، تىلى بۆلەك، دىنى بۆلەك بىر قانچە توپ قۇرۇق قول، قارا كۈچ كىشىلەر قانداقمۇ تاقابىل تۇرالىسۇن؟"
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئەينى ۋاقىتتا تۇڭگان قاتارلىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن خەلقنىڭ پەقەت ئۆز غورۇرلىرى ۋە روھىغا تايىنىپلا قۇدرەتلىك دۈشمەنگە قارشى جەڭگە ئاتلانغانلىقىنىڭ ئورۇنسىز قۇربان بېرىشكە ئېلىپ كەلگەنلىكىگە نىسبەتەن ناھايىتى ئېچىنىپ، بۇنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەشكە تىرىشىدۇ.
ئېغىر پاجىئەدىن تۇغۇلغان تەجرىبىلەر
ئەلىخان تۆرە سۇقۇلۇق ۋەقەسىدىن ھېس قىلغان تەجرىبىلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
" ئىلاھ تەرىپىدىن تەبىئەت ئالىمىگە ئەۋەتىلگەن ئۇلۇغ پەيغەمبەرلەرگە ۋە شۇ تەبىئەت قانۇنلىرىغا بويسۇنماستىن باشقا ھېچ چارىلەر يوقتۇر. ئۇرۇش پەنلىرىنىڭ قانۇنى بويىچە، ئەسكەرلەرنىڭ سانى، قورال -جابدۇق ۋە ئەسكىرى ئىنتىزاملىرى، ئەڭ بولمىغاندا دۈشمەننىڭكىدىن تۆۋەن ۋە ئاز بولماسلىقى بىرىنچى شەرتتۇر. ئەگەر شۇ شارائىت قولغا كەلسە، ئۇ ھالدا دىنىي، مىللىي ھاقارەتكە بويسۇنماستىن ،دۈشمەنگە قارشى قورالغا قول سۇنۇش، ئەلۋەتتە پەرز بولىدۇ. بۇنداق ئىمكانىيەت بولمىغان تەقدىردە ، ئورۇنسىز ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ، ۋاقتىنچە سەبىر قىلىشتىن باشقا چارا يوقتۇر. بىز ھازىر شۇنداق شارائىتسىز، ئېغىر ئەھۋال ئاستىدا تۇرۇپتىمىز، مەھەللە كوچىسىدىن ئۆتۈۋاتقىنىمىزدا يول بويلاپ، بۇلاڭ-تالاڭ قالدۇقلىرى، چېچىلىپ ياتقان نەرسىلەر، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ئىمارەتلەر ئىچىدە ۋەيران بولۇپ، يىقىلىپ ياتقان تاملار كۆزگە تاشلىناتتى. بۇلارنى كۆرۈپ، كۆز ياشلىرىمىز قۇرىماستىن شۇ يۈرگۈنىمىزچە مەزلۇملار قانلىرى بىلەن بويالغان سۇقۇلۇق قىشلىقىغا كىردۇق. بۇ ۋەقە يۈز بېرىپلا بارغىنىمىز ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىلغان-چېپىلغانلىرى، كوچا قانلىرى تازىلانغان بولسىمۇ، بىراق قىرغىنچىلىقنىڭ باشقا بەلگىلىرى تېخى يوقالمىغان ئىدى. ساقچى كىشىلىرى بىزنىڭ باشقا ياقتىن كەلگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ، ئالدىمىزنى توسۇپ، ئىدارىسىغا ئېلىپ باردى. ئۆلگەنلەرنىڭ خوتۇن-قىزلىرى، يېتىم بالىلىرىغا ئاتالغان بىر قانچە كىيىم-كېچەكلەرنى كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىمىزنىڭ ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىمىزنى بىلدۈردۇق. كېيىن، يول خەتلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ بىزگە رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئارىمىزدا ئىشەنمەسلىك پەيدا بولۇپ، خېلى كۆپ سۆز بولدى".
مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدەش
ئەلىخان تۆرىنىڭ يېزىشىچە، ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن مىڭ تەسلىكتە ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بېرىپ، پالاكەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سورايدۇ. بىراق، شۇنىڭدىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇنىڭ پېيىغا چۈشىدۇ ھەمدە دەرھال قەشقەر تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپ پاناھلىنىش قارارىغا كېلىدۇ:
"مەلۇمدۇركى، مەھكۇملۇقتا ئېزىلگەن، قورالسىز، دۇدۇقلاپ قالغان تىللار، غەلىبە زۇلۇملىرى بىلەن مەغرۇرلۇنىۋاتقان، ھەر بىرىنىڭ تۇمشۇقىدىن توڭگۇز قۇرتى چۈشۈۋاتقان قوراللىق، ھاكىم تىللار(شاخدام تىللار) ئالدىدا نېمە دېيەلىسۇن؟ شۇنىڭ بىلەن غالىپ دۈشمەن ئالدىدىن قانداق قىلىپ بولمىسۇن قۇتۇلۇپ چىققىنىمىزدىن كېيىن، ياردەمگە ئېلىپ كەلگەن ئازدۇر-كۆپتۇر نەرسىلىرىمىزنى تارقاتتۇق. ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە كۆز يېشىمىز بىلەن قىرائەت ئوقۇپ، كۆڭۈل ئېيتتۇق. بۇ پايدىسىز ئۇرۇشتا مېنىڭ ئۆز شاگىرتلىرىمدىن يىگىرمىدىن ئارتۇق كىشى شېھىت بولغان ئىدى. بۇلاردىن ئەڭ چوڭلىرىنىڭ يېشى ئوتتۇزدىن ئاشمىغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ جايدا ئىككى-ئۈچ كۈن تۇرغىنىمىزدىن كېيىن، يەنە توقماققا قايتىپ كەلدۇق".
"قىشنىڭ ئۆتۈشى يېقىنلىشىپ، يەردىن كۆكاتلار يېڭىغىنا باش كۆتەرگەن ئىدى. بىر كۈنى ئەتىگەنلىكى، كوچا ئىشىكىمىزدىن بىرسىنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارىسام، ئۆز مەھەللىمىزدىكى مىرزاباي دېگەن كىشى ئىكەن. ئۇ مېنى كۆرگەچ، كۆزىگە ياش ئېلىپ،" سىزگە ياخشىلىقلاردىن باشقىنى تىلىمەيمىز، ھازىرقى ھۆكۈمەت ئالدىدا ئاڭلىغىنىم بويىچە، ئۈستىڭىزدىن ھەر تۈرلۈك خەۋەرلەر بار ئوخشايدۇ. ئەمدىكى مەسلىھەت شۇكى، بەزى ئىشلار يۈز بەرگۈچە، ئورۇن ئۆزگەرتىپ، باشقا يەردە تۇرۇشىڭىز ياخشىراقتەك كۆرۈنىدۇ" -دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ئويلىنىپ، قانداقلا بولمىسۇن بىر ئېھتىيات سەۋەبىدىن، يات بىر ھۆكۈمەت تۇپرىقىغا ئۆتمەكچى بولۇپ، سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشتىم". لېكىن، باشقا چېگرىلار بىزدىن يىراق بولغانلىقتىن، قەشقەر تەرەپكە ئۆتۈشنى ماقۇل كۆردۈم. جانپىدا شاگىرتلىرىمدىن تۇڭگان داۋۇد خوجا مەن بىلەن سەپەرداش بولۇپ يولغا چۈشتۇق".
تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا 1918-1920-يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلىنىش جەريانىدا لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ھاكىمىيىتى ۋە قىزىل ئارمىيە قاتتىق قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ قارشىلىقلار قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ قارشىلىق ئىدىيىسىدىكى كىشىلىرى ئۇيغۇر ئېلىغا قېچىپ كېلىپ بىر مەزگىل پاناھلىنىش ئارقىلىق، كېيىن قايتىدىن كۈچ توپلاپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى يوقاتماقچى بولىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ تەركىبى تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى، مۇستەقىللىق پىكىرلىرىگە ئىگە زىيالىيلار، بولشېۋىكلارغا قارشى تۇرغۇچىلار ۋە ۋەقەگە قاتناشقان ئاددىي پۇقرالار ھەم باشقىلار ئىدى. ئەلىخان تۆرە ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.
(ئۈمىدۋار)
--------------------------------------------------------------------------------
ئايبەك07-07-2005، 04:41 پمئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (4)
2005.06.15
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىنىڭ باش قىسىمىدا ئۆزىنىڭ بولشېۋىكلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قەشقەرگە كېتىش جەريانىدا يولدا كۆرگەن ۋەقەلەرنى ئەسلەيدۇ.
ئۇ تارىخچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزى تۇغۇلغان توقماق شەھىرى جۈملىدىن بالاساغۇن قاتارلىق جايلارنىڭ تارىخى ھەققىدە بايان قىلىپ، ئۆزىگە خاس كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە، بالاساغۇن قەدىمكى ئۇيغۇر-ئوغۇز مەدەنىيىتىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرىدۇر.
مۇشەققەتلىك يوللار
ئەلىخان تۆرىنىڭ قەشقەر سەپىرىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغانلاردىن بىرى ئۇنىڭ تۇڭگان ئوقۇغۇچىسى ۋە يەنە بىر نەپەر ئادەم ئىدى. ئۇ سەپىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
"يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كېلەيلى. توقماقتىن چىقىپ، توغرا شەرققە قاراپ چىمقۇرغان، بۇرالساي، ئەلارىق، تويغاق، مەيدانتال، قۇۋاقى ئارقىلىق مېڭىپ، قاراغوۋ-قوچقارغا كەلدۇق. بۇ يەردىن يۈرگۈنىمىزچە بىر نەچچە قونالغۇلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، دولان داۋىنىدىن ئېشىپ، نارىن سۈيى بويىدىكى نارىن شەھىرىگە كىردۇق. بۇ تۆت تەرىپى چوڭ تاغلار بىلەن ئورالغان ئەلدۇر. رۇسلار تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستانغا كىرىش قەستىگە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن نارىن سۈيى بويىغا بىر قەلئە بىنا قىلغان ئىدى. ئالاتاۋ ۋە تىيانشان تاغ-تىزمىلىرىنىڭ ئەڭ قېلىنلاشقان ئورنى ۋە كۆچمە قىرغىز تۈركلىرىنىڭ قاينىغان جايى غەربىي -جەنۇبى ئۆزبېكىستان، شەرقىي جەنۇبىي ئۇيغۇرىستان بولغانلىقىدىن بۇنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى زوردۇر. بۇ يەردىن چىقىپ ئارىسى 45 چاقىرىم چانىسىدا كېلىدىغان ئوت بېشى قىشلىقىغا يېتىپ كېلىپ، تاشكەنتلىك تۇياقباي ھاجىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ چۈشتۇق. ئۇ توقماقتا ئۇزۇن تۇرغان ، ئۆز مەھەللىمىزدىن كەتكەن كىشى ئىدى. بۇ يەرنىڭ تۆت تەرىپى ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان بولسىمۇ، ئەمما دالاسى كەڭ ۋە ئوتلاق-يايلاقلىرى كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئارپا، ئاقسۇ دېگەن يەرلەرنىڭ چۆپى كۈچلۈك، قىمىزى كۆپ بولۇشتا داڭقىئى چىققان ئىدى. ئوت بېشىدا ئىككى كۈن تۇرغاندىن كېيىن، شۇ يەردە قوشۇلغان قوشماق ھاجىم بىلەن ئۈچ كىشى يولداش بولۇپ، يولغا چۈشتۇق.
بۆرە ئاغزىدىن قۇتۇلۇش
ئەلىخان تۆرە قوشمەت ھاجىم قاتارلىق ھەمراھلىرى بىلەن چوڭ يولدا ماڭماي، مەخپىي-كىچىك يوللار بىلەن ماڭىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئەتراپنى چېگرا ساقلىغۇچى بولشېۋىك ئەسكەرلىرى قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، ئەگەردە ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندا ،ئۇلارنىڭ ئولتۈرىلىشى مۇمكىن ئىدى.
ئەلىخان تۆرە بۇ سەپىرى ھەققىدىكى بايانلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:
"ئالدىمىزدا بىر قونالغۇ تاشراباتتا چېگرا قاراۋۇللىرى-قىرغىز شامىرقان ، رۇس چۇدىر باشلىق بىر نەچچە ئەسكەر بارلىقىنى بىلدۇق. بۇلار ئالدىدىن ئۆتۈشتە يولخېتى مىز يوقلىقىدىن، قوشماقھاجىمنىڭ مەسلىھەتى بويىچە، توغرا يولنى قالدۇرۇپ، بېلوشوۋ دېگەن ئوغرى يول بىلەن كەتمەكچى بولدۇق.يولدا كېتىۋاتقانىمىزدا يىراقتا ئات يېتىلەپ كېلىۋاتقان بىر كىشىنىڭ قارىسى كۆرۈندى. چوڭ يولدىن ئۇ يولغا بۇرۇلغان ۋاقتىمىزدا ئالدىمىزدىن كېلىۋاتقان ئۇ كىشى يىراقتىن ئىشارەت بىلەن بىزنى چاقىردى. ئۇنىڭ بۇ چاقىرىشىدىن ئاددىي كىشى بولمىسا كېرەك دەپ ئالدىغا باردۇق. قارىساق، چېگرا ساقچىلىرى باشلىقى -قىرغىز شامىرقان ئىكەن. بىزنى كۆرۈش بىلەن" ھەي سىلەر قانداق كىشىسىلەر؟ ئوچۇق چوڭ يولنى قويۇپ يېپىق كىچىك يولغا كىرىسىلەر؟ قېنى بۇ ياققا ئۆتۈڭلار" دەپ بىزنى باشلىغىنىچە يول ئۈستىدىكى كارۋان سارايغا چۈشۈردى. شۇ ئارىدا قاياقتىندۇر ئىككى-ئۈچ قىرغىز يىگىتلىرى بىلەن ئىلگىرىكى سىپاھلاردەك بېلىغا كۈمۈش بەللىك، يېنىغا ئەگرى قىلىچ ئاسقان شۇ يەرلىك قىرغىزلارنىڭ باشلىقىمۇ يېتىپ كەلدى. بۇنى كۆرگەن قوشماق ھاجىمنىڭ كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولۇپ،" ھەي تاڭ ، ئىشلىرىمىز قانداق بولار؟ سوراپ قالسا يول خېتىمىز يوق، ئاللاھ ساقلىسۇن ! بىزنى قايتۇرۇپ نارىندىكى جاللاتلارغا تاپشۇرۇپ بەرسە، ۋاقىت يامان، ئېغىر كۈنلەرگە قالمىغىدۇق"دېدى.
توغرا، بۇنىڭ دېگىنىدەك ئۇ كۈنلەردە ئىشچى-كەمبەغەللەر ھاكىمىيىتى قۇرۇلغانلىقتىن، ئەرزىمىگەن نەرسە باھانىسى بىلەن ئۆلتۈرۈش ئىشلىرىنى، ئىنساننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ھوقۇقلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئوڭ -سولنى ئايرىيالمىغان ئىشچى-قوشچىلارنىڭ قوللىرىغا تاپشۇرغان ئىدى. خەلق ئىچىدە ئازدۇر -كۆپتۇر چۈشىنىشچان ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك، بارلىق كىشىلەر ئىنقىلاب دۈشمەنلىرى ھېسابلىناتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ،ھەقسىز دەپ قارالغان ئادەملەر جازاغا تارتىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ بىچارىلەرنىڭ ، ئۇ كۈندىكى ھاكىملارغا ئۆزلىرىدىن باشقا ھېچ قانداق گۇۋاھ-ئىسپات كېرەك ئەمەس ئىدى.
ئەلىخان تۆرە قاتارلىقلار يەرلىك قىرغىز ساقچىلىرىنىڭ ئادىمىگەرچىلىكى ۋە ياردىمىگە سازاۋەر بولۇپ، بىخەتەر ھالدا دۈشمەنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قەشقەر چېگرىسىدىن ئۆتۈۋالىدۇ.ئۇ ئۆز سەپەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئاللاھقا بولغان سەمىمىي ئېتىقادى تۈپەيلىدىن ھەر قاچان ئاللاھنىڭ ساقلىشىغا ئېرىشىپ، قىيىنچىلىقلار ۋە خەتەرلەر ئۈستىدىن غالىپ چىققانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
(ئۈمىدۋار)
--------------------------------------------------------------------------------
ئايبەك07-07-2005، 04:43 پمئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (5)
2005.06.22
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئۆزىنىڭ 1966-1973-يىللىرى ئارىسىدا يازغان "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىنىڭ بىرىنچى بابىدا بولشېۋىكلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قەشقەرگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىش يولىدا تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ سەپەر جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە ناھايىتى تەسىرلىك ۋە تەپسىلى بايان قىلىدۇ.
ئەلىخان تۆرە سەپەر جەريانىدا ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۆز سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. بىراق، بۇ تاغ يوللىرى ناھايىتى مۈشكۈل بولغانلىقتىن، كۆپ قىيىنچىلىقلار ۋە خەتەرلەرگە دۇچ كېلىدۇ. ئەمما ئۇ يەنىلا خەتەردىن قۇتۇلۇپ، ساق سالامەت كونا چېگرا قورغىنى تاش راباتقا كېلىۋېلىپ، ئۇ جايدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر، قىرغىز قاتارلىق مۇساپىرلارنىڭ ياردىمىگە سازاۋەر بولىدۇ.
مۈشكۈل سەپەردە تۇغۇلغان ئويلار
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئۆز بايانلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:
"ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرغاندا قارىسام، كونىدىن قالغان تاشرابات دېگەن تارىخى ساراي ئالدىغا كەلگەن ئىكەنمىز. بۇنىڭ بىرىنچى بىناسىنى قەشقەر ھاكىمى مۇھەممەد خان قۇرغان ئىدى. ئۇ، شەيبانىلاردىن كېيىنكى، 1006-ھىجرىيىدە ۋاپات بولغان بۇخارا پادىشاھى مەشھۇر ئابدۇللاخاننىڭ زاماندېشى ئىدى. شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستان سودا-تىجارەت كارۋانلىرىنى قاراقچىلار ھۇجۇملىرىدىن ساقلاش ئۈچۈن ھەر ئىككى ھۆكۈمدار ئۆزارا كېلىشىپ شۇ ئورۇندا كۆزەتكۈچى ئەسكەر قويغان ئىكەن. ئەمما، بۇنىڭ قانداق نەتىجە بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. مەن بۇ يەردىن ئۆتكەن ۋاقىتتا ھېچ نەرسە قالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئالدى تەرەپتىكى كىرىش ئىشىكى ئۈستىگە بىر ئىككى گەزلىك تاختا تاشلار قويۇلغان. ئوتتۇرىدىكى ئۇزۇن يۆلكەننىڭ ھەر ئىككى چېتىگە ياسالغان تەخمىنەن قىرىقتەك گۈمبەزلىك ئۆيلەرنىڭ بەلگىلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ قىبلە تەرىپىدە يۈز كىشى ياتقۇدەك مېھرابلىق ئۆي ئۈستى ئويۇلۇپ كەتكەن چوڭ گۈمبىزى بىلەن بىللە تۇراتتى. شۇلارغا قارىغاندا، بۇ بىنا ئۆز ۋاقتىدا خېلى ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇش بولغان بولسا كېرەك.
"قاراڭ! ئوغۇز، ئۇيغۇر، كەبى قەھرىمان تۈرك ئۇلۇسىنىڭ بالىلىرىنى ! ئاڭسىزلىق، بىلىمسىزلىكلىرىدىن بۈگۈنكى كۈندە قول پۇتلىرىغا قۇللۇق ۋە ئەسىرلىك كىشەنلىرى سېلىنغان ھالدا ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان ئىدى. باسقۇنچى دۈشمەنلەرنىڭ ھېسابىغا ئۆز ئانا ۋەتەنلىرىدە تۇرۇپ، قانداق خار-زارلىق بىلەن ھايۋانلارچە ئەركسىز ۋە مەجبۇرىيەت قامچىسى ئاستىدا ئىشلەپ يۈرمەكتە -ھە؟
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي
يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كېلەيلۇق. ئەتىسى ھەممىمىز ئون كىشى بولۇپ، تاشرابات داۋىنىدىن ئېشىپ، چادىر كۆل بويىغا چۈشتۇق. بۇ باش -ئايىغى كۆرۈنۇپ تۇرىدىغان، ئايلانمىسى ئوتتۇز-قىرىق چاقىرىم كەلگۈدەك كىچىكرەك كۆل ئىكەن، يولنىڭ يېقىنىغا قاراپ، يېڭىدىن ئېرىشكە باشلىغان كۆل مۇزلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، توراقات سارايغا چۈشتۇق. بۇ يەردە بىر ئۆيلۈك سارايچى ئۇيغۇردىن باشقا ،خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇلغان ھېچ كىشى يوق ئىكەن. بىر كېچە يېتىپ، ئەتىسى قەشقەر چېگرىسىدىكى تۆيۈن تۆپە دېگەن جايغا كەلگىنىمىزدە يولىمىز ئىككىگە ئايرىلدى. ئۇدۇل كەتسەك، چاقماق قاراۋۇل دېگەن ئورۇن بار بولۇپ، يول تەكشۈرگۈچى خىتايلار شۇ يەردە تۇرىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۈچ كىشى باشقا يولداشلىرىمىزنىڭ مەسلىھەتى بويىچە، سول قول تەرەپكە بۇرۇلۇپ، قارا تۆپە داۋىنىغا قاراپ يول ئالدۇق. داۋان ئاستىغا كەلگىنىمىزدە، 1800-يىللاردىكى قەشقەر ھاكىمى ياقۇپبەگدىن قالغان قاراۋۇل قورغىنى يېنىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. ئارىدىن ئۇزاق دەۋرلەر ئۆتمىگەنلىكتىن قەلئە بىنالىرى كۆپ بۇزۇلۇپ كەتمىگەن ئىكەن. بۇ خارابە كۆزىمىزگە كۆرۈنىشى بىلەن ئىككى تۈركىستاننىڭ ئىلگىرىكى تارىخىنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەمدىكى قايغۇلۇق ئەھۋاللىرى ئۈستىدە ئۇزاق ئويلىنىپ قالدىم" .
ئاڭسىزلىق ۋە بىلىمسىزلىك ئوغۇز ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بەختسىزلىكىدۇر
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىنى يېزىشتا پايدىلانغان بىر ئۆزگىچە ئۇسلۇبى شۇكى، ئۇ ھەر بىر مۇھىم ۋەقەگە دۇچ كەلگەندە مىللەت ۋە ۋەتەننىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتلىك كۈنلەرنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ ھەمدە شۇنچىلىك بىچارە ھالغا قالغان ئىككى تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ ئۆتمۈشتىكى شەرەپلىك تارىخى بىلەن مەۋجۇت خاراب ھالىتىنى سېلىتىشتۇرىدۇ.
تارىخ بىلىملىرىنى ياخشى ئىگىلىگەن ئەلىخان تۆرە ئۆزى كۆرگەن ھەر بىر يۇرت ۋە جاي ھەققىدە تارىخى مەلۇمات بېرىشكە ئادەتلەنگەن ئىدى. ئۇ مۇنداق تەپەككۈر قىلدۇ.
قۇران ھۆكۈملىرى ئاساسەن ئۈچ ئىشقا توختالغان: بىرىنچى، ئىتتىپاقلىق، ئىككىنچى زامانىۋى ئىلىم - ھۈنەر ئۆگىنىپ، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىشىچە تولۇقلاش، ئۈچىنچى دۇشمەننىڭ ئالدىدا ئۆلۈمدىن قورقماسلىق. مانا شۇ ئۈچ نەرسىگە ھاياتلىق ئالىمىدە ھەر كىم ئىگە بولغان ئىكەن، دېمەك ئۆز ۋەتەنلىرىنى پۈتۈن ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى باسقۇنچى دۈشمەنلەر ھۇجۇملىرىدىن ساقلىيالايدۇ. ئەپسۇسكى، بىز يېقىن ئۆتمۈشىمىزدە يىرگىنچلىك ئىتتىپاقسىزلىق تۈپەيلىدىن ئۆز دۆلىتىمىزدىن ئايرىلدۇق.
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي
"قاراڭ! ئوغۇز، ئۇيغۇر، كەبى قەھرىمان تۈرك ئۇلۇسىنىڭ بالىلىرىنى ! ئاڭسىزلىق، بىلىمسىزلىكلىرىدىن بۈگۈنكى كۈندە قول پۇتلىرىغا قۇللۇق ۋە ئەسىرلىك كىشەنلىرى سېلىنغان ھالدا ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان ئىدى. باسقۇنچى دۈشمەنلەرنىڭ ھېسابىغا ئۆز ئانا ۋەتەنلىرىدە تۇرۇپ، قانداق خار-زارلىق بىلەن ھايۋانلارچە ئەركسىز ۋە مەجبۇرىيەت قامچىسى ئاستىدا ئىشلەپ يۈرمەكتە -ھە؟
ئۇلۇغ قۇدرەت ئىگىسى ئاللاھدەك خۇداسى بار، پۈتۈن ئالەمگە رەھمەت كەلتۈرگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالا دەك يول باشچىسى بار، خۇدا قانۇنى بولغان ئىسلام دىنىدەك دىنى بار مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ كەبى خورلۇققا قېلىشى، قۇرئان ھۆكۈمىگە قارىغاندا مۇمكىن ئەمەستۇر. چۈنكى، قۇرئاننىڭ ئېيتىشىچە، ئىسلام دىنى-ئىلاھىي بىر قانۇندۇركى، بۇنى تولۇقى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى مۇسۇلمانلار ھەر ئىككى دۇنيا دۆلىتىگە ئىگە بولىدۇ ئەلۋەتتە. بۇ سۆزنىڭ ھەقلىقىگە ھېچ شەك يوقتۇر.
ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى يەنى ھەزرەت ئۆمەر دەرۋىدىكى ئىسلامنىڭ شان-شەۋكىتى بۇ سۆزنى ئېنىق ئىسپاتلايدۇ. تۈركىيە سۇلتانى سۇلتان سۇلايمان دەۋردە دېگۈدەك پۈتۈن ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى ئىسلام پادىشاھىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغان ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ساللاللاھۇ ۋەسسالام " بۇ ئۈممىتىم ئاۋۋالدا نېمە بىلەن كۆتۈرۈلگەن بولسا، ئاخىرىسىدا ھەم شۇنىڭ بىلەن كۆتۈرىلىدۇ" دېدى، مەلۇمدۇركى، راسۇلۇللا دەۋرىدىن باشلاپ، ئىسلامنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا، قۇرئان ھۆكۈمى ئىسلام پادىشاھلىرى ئالدىدىكى بىرىنچى قوللانما بولغان ئىدى.
ئەمدى يۇقىرىدىكى سۆزلەردىن ئوچۇق، مەلۇم بولدىكى ئىلىم ھۈنەردە ئارقىدا قېلىپ، باشقىلارنىڭ ئاياق ئاستىدا ئېزىلگەن مۇسۇلمانلار قۇرئان ھۆكۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسىمۇ، ھەقىقى ئىسلامدىم ھېچ قاچان تانمىغان.
ئىتتىپاقسىزلىق پاجىئەنىڭ مەنبەسىدۇر
ئەلىخان تۆرە ئىسلامنىڭ ھۆكۈمى شۇنىڭدەك ئىمان ۋە ئىسلام ھەم ئۇنىڭ مىللەت ۋە ۋەتەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزگەن ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىمان، مىللەت ۋە ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇملارنىڭ بىر-بىرىن ئايرىلماسلىقى لازىملىقىنى شەرھلەيدۇ. ئۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق خۇلاسىلىغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
قۇران ھۆكۈملىرى ئاساسەن ئۈچ ئىشقا توختالغان:
بىرىنچى، ئىتتىپاقلىق، ئىككىنچى زامانىۋى ئىلىم - ھۈنەر ئۆگىنىپ، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىشىچە تولۇقلاش، ئۈچىنچى دۇشمەننىڭ ئالدىدا ئۆلۈمدىن قورقماسلىق. مانا شۇ ئۈچ نەرسىگە ھاياتلىق ئالىمىدە ھەر كىم ئىگە بولغان ئىكەن، دېمەك ئۆز ۋەتەنلىرىنى پۈتۈن ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى باسقۇنچى دۈشمەنلەر ھۇجۇملىرىدىن ساقلىيالايدۇ. ئەپسۇسكى، بىز يېقىن ئۆتمۈشىمىزدە يىرگىنچلىك ئىتتىپاقسىزلىق تۈپەيلىدىن ئۆز دۆلىتىمىزدىن ئايرىلدۇق.
1840-يىللاردىن باشلاپ رۇسلار ئورتا ئاسىيانى ئىستىلا قىلىشقا باشلىدى، بۇ يەردە ئۇچ خانلىق بار ئىدى، بۇخارا ئەمىرلىكى، قوقاند ۋە خىۋە خانلىقلىرى، ياۋروپدا ئىلىم مەدەنىيەت تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئالىمىگە ئويغىنىش ئۇرۇغىنى چېچىشقا باشلىغان بىر دەۋردە بۇ خانلىقلار خۇراپات پاتقىقىغا پېتىپ، جاھىللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تىكلەنگەن ئىدى. نېمە ئۈچۈن قابىلىيەتلىك ۋەتەن ئوغلانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەزىز ئۆمۈرلىرىنى بۇخارانىڭ قەدىمكى كونا مەدرىسلىرىدە ئەرەبىي -فارىسى تىللارنى ئۆگىنىش بىلەنلا ئۆتكۈزدى؟"
(ئۈمىدۋار)
--------------------------------------------------------------------------------
ئايبەك07-07-2005، 04:45 پمئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (6)
2005.06.29
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىنىڭ دەسلەپكى بەتلىرىدە، ئۆزىنىڭ 1919-يىلى قەشقەرگە قېچىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ جايدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە بايان قىلىدۇ.
تۇنجى قەدەملەر
ئەلىخان تۆرە مىڭ بىر جاپادا ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاتۇشقا كېلىپ، ئۇ جايدا بىر قانچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن قەشقەرگە قەدەم بېسىپ، يېڭى ھاياتىنى باشلايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلىدۇ:
"يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كېلەيلۇق، شۇنداق قىلىپ، ئاستىن ئاتۇشتا يولدىشىمىز قوشماق ھاجىمنىڭ ئۆيىدە ئىككى كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن، قەشقەر شەھىرىگە چۈشمەكچى بولۇپ، يولغا چىقتۇق. كۈن ئىسسىق بولغاننىڭ ئۈستىگە چاڭ-توزاڭ ئىچىدە قىرىق بەش چاقىرىمچە يول يۈرۈپ، شەھەر ئىچىگە كىردۇق. بۇ يەرلىك كىشىلەردىن توقماققا قاتناپ تۇرغان سودىگەرلەر كۆپ بولغانلىقىدىن تونۇش-بىلىشلىرىمىز جىق بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە چۈشمەستىن، يارباغ دەرۋازىسى سارىيىدا بىزنى كۈتۈپ تۇرغان توقماقلىق يولداشلىرىمىزنىڭكىگە چۈشتۇق."
ئەلىخان تۆرە قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكىدىن نەچچە ھەسسە بەتتەر ئىكەنلىكى، ئاڭسىزلىق، بىلىمسىزلىك قاپلاپ كەتكەنلىكى ھەتتا، بۇ جايدىمۇ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرلىرىنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىدۇ. ئەلىخان تۆرە ئەسلى بولشېۋىكلەر ئىدىيىسىگە قاتتىق قارشى تۇرغان ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق ئىدىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىلىشىنى خالىمايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ قېرىنداش ئۆزبېكلەردىن ئىبرەت ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئەلىخان تۆرىنىڭ تۇنجى تەسىراتلىرى
ئەلىخان تۆرە قەشقەرگە قەدەم باسقاندا ھېس قىلغان ئۆز چۈشەنچىلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
"شۇ كۈنلەردە، يەنى مىلادى 1920-يىلى، ئىچكى-تاشقى دەھرىيلەر بىرلىشىپ، چىرىگەن ئەمىرلەر دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ، بۇخارانى بېسىۋالغان ئىدى. پەرغانە شەھەرلىرىنىڭ ھەر بىرىدە پۈتۈن قىشلاق خەلقلىرى قوزغىلىپ، "باسمىچى"لار نامىدىكى قوزغىلاڭچىلار باش كۆتەردى. نەتىجىدە بىگۇناھ خەلق بېشىغا قىيامەت چۈشتى. بۇلاردىن ۋەتەنپەرۋەر، ئاڭلىق ۋە ئىلغار پىكىرلىك بايلار ئېتىلىپ-چېپىلىپ ئۆلۈكلىرى تاشلىۋېتىلدى. قالغانلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆلۈمدىنمۇ ئارتۇق قىينىلىپ، تۈرمىلەردە ئۇزۇن ۋاقىت ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن، يىراق يەرلەرگە سۈرگۈن قىلىنىپ، ئەڭ ئېغىر ئىشلارغا سېلىندى. ئۇلارنىڭ ئالدى يىگىرمە بەش، ئەڭ كېيىنى ئون يىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلىقتىن ئۇلارنىڭ يۈزدىن بىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئۇ يەرلەردە سالامەتلىكلىرى بۇزۇلغانلىقى سەۋەبىدىن، ھايات قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ئىدى.
رۇسىيە تۇپرىقىدا كۆتۈرۈلگەن پىتنە ۋولقانلىرى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى چېگرا تاشقىرىسىغىمۇ چۈشكەن ئىدى. مانا شۇنداق ئېغىر ئەھۋال، قىيىن كۈنلەردە چوڭقۇر پىكىر، كاتتا ئۈمىدلەر بىلەن قەشقەرگە كېلىشىم ئىدى. قارىسام، بۇ يەردىكى ئاڭسىزلىق، بىلىمسىزلىك بالاسى بىزدىن يۈز دەرىجە ئارتۇق ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ، ئويلىغان ئويلىرىم بۇزۇلۇپ، ئۆزۈم ھەيرانلىقتا قالدىم. بولمىسا، شۇ كۈنلىرى قەشقەردە ئايەت-ھەدىس تەفسىرى، ھەر تۈرلۈك دىنىي ئىلىم ئوقۇتقۇچىلىرى يۈزلەپ، ئوقۇغۇچىلار نەچچە مىڭلاپ بار ئىدى. پۈتۈن ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان شەھەرلىرىنى قاپلىغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى بۇ يەرلەردە بولۇپ ئۆتكەن ۋە بولۇۋاتقان خەلق ئۈستىدىكى دەھشەتلىك ئىشلارنى كۆزلىرى كۆرۈپ، ئۆزلىرىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئەسلىدە مىڭ ئاڭلىغاندىن كۆرە، بىر قېتىم كۆرگەننىڭ تەسىرى ئارتۇق بولۇشى كېرەك ئىدى.
ئەمدى شۇنىسى قىزىق، ئەڭ ھەيران قالارلىق ئىش شۇكى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قان-قېرىنداشلىرى بولغان ئۆزبېكلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن شۇنداق زور ئاپەت بالالارنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرۇپ ئاڭسىزلىق، بىلىمسىزلىك كاساپىتىدىن بۇنىڭ تەسىرىدىن قىلچە ئىبرەت ئالمىدى. چۈنكى، بۇ شۇم مەسلەكنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئىككى نەرسە يەنى كەمبەغەلچىلىك ۋە ئاڭسىزلىق سەۋەب بولغان ئەلۋەتتە. بۇلار رۇسىيە تۇپرىقىدا ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەم خىتايدا تولۇق تېپىلغانلىقى ئۈچۈن دەھرىيلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، شۇ بۇزۇق مەسلەكلىرىنى بۇ جايلاردىمۇ راۋاجلاندۇرغان ئىدى. نەتىجىدە بۇ قورال كۈچى بىلەن مەجبۇرىيەت ئارقىلىق خەلق بوينىغا يۈكلىنىپ، شۇ كۈنگىچە خەلقنىڭ بوينىدىن چۈشۈرۈلمەس ئېغىر يۈك بولۇپ قالدى. بۇ يەردە قانچە تۇرساممۇ، ئەمما ماڭا ھەمكار بولغۇدەك، كېلەچەك ئۈچۈن قايغۇرغان بىر كىشىنى بولسىمۇ كۆرەلمىدىم."
قەشقەردىن قايتىش
ئەلىخان تۆرە قەشقەردىكى ئاڭسىزلىق ۋە نادانلىقلارنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى ئېچىنىپ، نادانلىق ۋە ئاڭسىزلىقنىڭ بىر مىللەت ئۈچۈن نەقەدەر پاجىئەلىك ۋە ئاپەتلىك ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ مۇنداق خۇلاسە چىقىرىدۇ:
"ئېڭى ئېچىلمىغان، بىلىمسىز بىر مىللەت ئۆز دۈشمەنلىرى ئالدىدا قۇشخانىغا ھەيدىلىۋاتقان بىر توپ ھايۋاندىن ھېچ قانداق پەرقى يوقتۇر. ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ھالاكەتلىك دۈشمىنى ئاڭسىزلىق، ئىلىمسىزلىكتۇر."
ئەلىخان تۆرە ئاخىرى ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي قەشقەردىن قايتىپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن قايتىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭدىكى سەۋەبنىڭ قەشقەردىكى قالاقلىقلار تۈپەيلىدىن ئۆزىگە بۇ جايدا يولداش بولىدىغان بىر كىشىنى تاپالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەنلىكى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چاغدا قوقان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ قوقان ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان مىللىي مەجلىسكە ئۆز ئاكىسى ئالىمخان تۆرىنىڭ ئەزا بولغانلىقى بىلەن بىر مەزگىل ئۇنىڭ يېنىدا تۇرماقچى بولغان. بىراق، قوقان ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى تاشكەنتنى مەركەز قىلغان بولشېۋىكلەرنىڭ قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، قوقان خەلقى قانلىق باستۇرۇلىدۇ ھەمدە قوقان ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى جازالىنىدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ قەشقەردىن كېتىشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
"پۈتۈن ئۇيغۇرىستاننى قاپلىغان شۇنىڭغا ئوخشاش ئاڭسىزلىق ئاپىتىنى كۆرۈپ، ئۇ يەردىن ئۈمىدىم ئۈزۈلۈپ، ناچار، يېڭىدىن ئوت ئېلىۋاتقان پىتنە ئوچىقى ئىچىدىكى ئۆز يۇرتۇم توقماققا قايتىپ كەلدىم".
(ئۈمىدۋار)
--------------------------------------------------------------------------------
ئايبەك07-07-2005، 04:46 پمئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (7)
2005.07.06
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي تۈركىستان قايغۇسى ناملىق كىتابىنىڭ ئىككىنچى بابىدا ئۆزىنىڭ قەشقەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرى ھەققىدە توختىلىدۇ. قويۇق پەلسەپىۋى پىكىرلەر بىلەن تولغان مەزكۇر بابتا سابىق رەئىس جۇمھۇر ئەلىخان تۆرە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا ماكانى بولغان بۇ بىپايان تۈركىستاندا نېمە ئۈچۈن مۇستەقىل دۆلەت شەكىللىنەلمىدى؟ دېگەن نۇقتا ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ.
مىللىي ھېسسىياتلىرىدىن ئايرىلغان مىللەت مۇنقەرزلىك ھېڭىغا چۈشۈپ ھالاك بولىدۇ
ئەلىخان تۆرىنىڭ قارىشىچە، تۈركىستاندا بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ پەيدا بولالماسلىقىدىكى سەۋەبلەر تۈرلۈك بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا تۈركىستان، بولۇپمۇ تۈركىستاننىڭ بىر قىسىمى بولغان ئۆزبېكىستان چار رۇسىيە تەرىپىدىن ،ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا سوۋېت رۇسىيىسى تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، مۇستەقىلسىز ياشىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە مىڭلىغان ئۆزىنى تۈركىستانلىق ۋە ئۆزبېك دەپ ئاتىغان ئادەملەر رۇسلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنى قۇل قىلىشىغا ماسلاشتى ۋە ياردەملەشتى.
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۆزبېكىستان دەپ ئاتالغان بۇ تۇپراق ۋە ئۆز مىللىتى بولغان ئۆزبېكلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
"بىز بولساق، ھەقىقەتتە بولشېۋىكلەر ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، يالغۇز مىللىي ، دىنى ۋەتەنىي ھەقلىرىمىزلا ئەمەس بەلكى، ئىنسانىي ھوقۇقلىرىمىزدىنمۇ پۈتۈنلەي ئايرىلغان ئاخىرقى ئەركسىز ھايۋانلار قاتارىدا ئىشلەشكە مەجبۇر بولدۇق. بىر مىللەتنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرى پۈتۈنلەي ئۆز قولىغا تاپشۇرۇلمىغاچ، ئۆزبېكىستان نامى قەغەز ئۈستىگە يېزىلىشى بىلەن ياكى باشقىلارنىڭ يۈكىنى كۆتەرگەن، ھارۋىسىنى تارتقان ئىشەك-ئاتلاردەك بىر مۇنچە ئۆزبېك نامىدىكى ۋىجدانسىز، قۇرۇق ھەيكەللەرنى ئۆز مەقسەتلىرىنى يولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئورۇندۇق ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇش بىلەن ئۇ مىللەت قانداقمۇ ئۆزىنى ئازادلىققا چىقتۇق دېيەلەيدۇ؟ بەلكى بۇنداق مىللەتلەر ئەنە شۇنداق خىيانەت پەردىلىرى ئاستىدا پۈتۈن ھېسسىياتلىرىدىن ئايرىلغان ھالدا يەم بولۇپ، يۈتۈلۈپ، ئاخىرى مۇنقەرزلىك ھېڭىغا يىقىلىپ ھالاك بولۇشى شۈبھىسىزدۇر".
چوڭقۇر پەلسەپىۋى ۋە دىنىي پىكىرلەرنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلانغان ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ قارىشىچە، بىر مىللەت مىللىي تۇيغۇسىدىن ۋە ئىمانىدىن ئايرىلغاندا ياكى بۇ قىممەتلىك تۇيغۇلار ئاجىزلىغاندا ئەنە شۇنداق پاجىئەلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. ئەلىخان تۆرە مىللىي تۇيغۇنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيەتتىكى رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
"لېكىن ئۆتكەن ئۇلۇغ پەيلاسوپلارنىڭ ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا تارىخىي تەجرىبىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز مىللىي دۆلىتىدىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى يوقىلىدىكەن، ھۆكۈمەت ئىگىسى بولغان كەلگىندىلەرنىڭ كۆپىيىشى ھېسابىغا ئۇلارنىڭ نەسىللىرى يىلسايىن ئازلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي يۈتۈلۈپ كېتىلىشى ئەمەلىيەتتە كۆرۈلگەندۇر. ئۆز ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلدى دېمەك- زاۋاللىققا يۈزلەندى دېمەكتۇر. شۇ سەۋەبتىن دۇنيادىكى ئاڭلىق، مەدەنىي مىللەتلەر ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نەچچە مىليونلاپ قۇربان بېرىشكە تەيياردۇر. ھالبۇكى، ھەر بىر مىللەتكە ئىمان-ئىسلامنى ساقلاش قۇرئان ھۆكۈمى بويىچە قانچىلىك پەرز بولسا، شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزلىگىنى ۋە ئۆز مىللىتىنى ساقلاشمۇ شۇنچىلىك پەرزدۇر. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ساللاللاھۇ ۋەسسالام قايسى بىر كىشى ئۆز ئاتىسىنى تاشلاپ، باشقا بىراۋنىڭ بالىسىمەن دېسە ياكى بىر مىللەت تىلى، دىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرى باشقىچە ئىككىنچى بىر مىللەتكە يۈتۈلۈپ كەتسە، مانا شۇنداق ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا لەنەت ئوقۇغان ئىدى. مىللىي ھېسسىياتىنى يوقۇتۇپ، ئۆز مىللىتىدىن ئايرىلىش قۇرئان ھۆكۈمى بويىچە ھارامدۇر."
ئەلىخان تۆرە دىنسىزلىككە قارشى كۈرەش قىلغان ئىدى
تارىخىي تەجرىبىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز مىللىي دۆلىتىدىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى يوقىلىدىكەن، ھۆكۈمەت ئىگىسى بولغان كەلگىندىلەرنىڭ كۆپىيىشى ھېسابىغا ئۇلارنىڭ نەسىللىرى يىلسايىن ئازلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي يۈتۈلۈپ كېتىلىشى ئەمەلىيەتتە كۆرۈلگەندۇر. ئۆز ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلدى دېمەك- زاۋاللىققا يۈزلەندى دېمەكتۇر. شۇ سەۋەبتىن دۇنيادىكى ئاڭلىق، مەدەنىي مىللەتلەر ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نەچچە مىليونلاپ قۇربان بېرىشكە تەيياردۇر.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي
ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ قەشقەردىن قايتقاندىن كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ:
"يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كېلەيلۇق، قەشقەر سەپىرىدىن قايتىپ كەلگىنىمدىن كېيىن، مەرھۇم ئاتىمىز شاكىرخان تۆرە خوجىنىڭ نەسىھەتلىرى بويىچە يازدا دېھقانچىلىق قىلىپ، قىشتا تۇڭگانلار ئارىسىدا دىنىي خىزمەتلەر بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزدۈم".
ئەلىخان تۆرىنىڭ بايان قىلىشىچە، 1921-يىلى لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت رۇسىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە بىر قاتار دىنىي ئەركىنلىك سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. شۇ يىلى لېنىننىڭ نامى بىلەن يېزىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە يول قويىدىغانلىقى ھەققىدىكى شوئار ئېلان قىلىنغاندا ئۇ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، توقماق قاتارلىق جايلاردىكى چوڭ مەسچىتلەردە ئىماملىق قىلىش جەرياندا دىنسىزلىككە قارشى تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە، 1922-يىلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، بىشكەك شەھىرىدىكى تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئۇ، بۇ جەرياندا لېنىن رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىستلار تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغانلىقىنى ھەقىقى تونۇپ يېتىدۇ. ئەلىخان تۆرە بىر ئاي تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن بوشۇتۇلۇپ، ئۆز يۇرتى توقماققا قايتىدۇ ھەمدە تاكى 1930-يىللارغىچە شۇ جايدا ياشايدۇ.
ئەلىخان تۆرىنىڭ نەزىرىدىكى ئىنسان ھوقۇقى چۈشەنچىلىرى
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ ئۆز ئەسىرىنى يېزىشتا قوللانغان ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇبى شۇكى، ئۇ ھەر قانداق ۋەقەنى ۋە مۇئەييەن دەۋر-شارائىتنى ئاددىيلا تەسۋىرلەپ ئۆتمەستىن بەلكى، ئەشۇ ۋەقە ۋە شارائىتنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەمدە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتقا كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان تەسىرلىرى ھەم باشقا بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ تۈپ ئاساسى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەدەنىيەت ، دىن ۋە سىياسىي چۈشەنچىلەر ھەققىدىمۇ ئانالىز يۈرگۈزىدۇ. ئەلىخان تۆرە ئىنسان ھوقۇقى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۇنىڭغا مۇنداق تەبىر بېرىدۇ:
"ھاياتلىق ئالىمىدە ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئالىي دەرىجىلىك يارىتىلغان نەرسە شۈبھىسىزكى شۇ ئىنساندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ھوقۇقلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ساقلاش ھەقىقىي مەدەنىيەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر". ..."مەلۇمكى، دۇنيادا ياشىغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋە قىزغىنىپ ساقلايدىغان بەش نەرسىسى بولىدۇ. بىرىنچى- جېنى، كېيىنكىلىرى بولسا، دىنى، مال-مۈلكى، ئائىلىسى ۋە ئانا ۋەتىنىدۇر. مانا بۇ بەش نەرسىنى ساقلاش ئۈچۈن ئاڭلىق ئىنسانلار قانداق كۈرەش قىلىدۇ؟ دۇنيانىڭ ھەر بىر يېرىدە تۆكۈلگەن ۋە تۆكۈلۈۋاتقان ئىنسان قانلىرى كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ پاجىئەلەرنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى شۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان نەرسىدىن باشقا ئەمەستۇر.
(ئۈمىدۋار)
--------------------------------------------------------------------------------
ساتىك07-07-2005، 05:19 پممۇھتارام ئايبەك!بۇيۇك ئۇستوز، يەتۇك ئاللوما ئالىھونتو'را سوگئۇنىي ھازراتلارىنىڭ ئاسارلارىنى بىزگا يەتكازگانىڭىز ئۇچۇن ئاللوھ روزى بو'لسىن!مىڭ تاشاككۇر!
--------------------------------------------------------------------------------
كولپان07-07-2005، 05:35 پممۇھتارام ئايبەك،راھمات سىزلارگا.
--------------------------------------------------------------------------------
ئايبەك07-07-2005، 05:41 پمئەلىھان تورە ساغۇنىي ئاند ھىس بوئوك "تۇركەستان تراگەدي"
ترانسلاتەد بي: گۇلباھار مامۇت
تو ۋىئەۋ لىنكس ئىن تھىس فورۇم يوئۇر پوست كوئۇنت مۇست بە 1 ئور گرەئاتەر. يوئۇر پوست كوئۇنت ئىس 0 مومەنتارىلي. تو ۋىئەۋ لىنكس ئىن تھىس فورۇم يوئۇر پوست كوئۇنت مۇست بە 1 ئور گرەئاتەر. يوئۇر پوست كوئۇنت ئىس 0 مومەنتارىلي.
ئىن 2003 تھە بوئوك تىتلەد "تۇركىستان تراگەدي" ۋرىتتەن بي تھە ھونورابلە ئەلىھان تورە (ئاكا ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي) ، ۋھو ۋاس تھە پرەسىدەنت ئوف رەپۇبلىك ئوف ئەئاستەرن تۇركىستان ئەستابلىشەد ئىن 1944 ئىن گۇلجا، ۋاس پۇبلىشەد ئىن ئۇزبەك لاڭۇئاگە بي "ئەئاست پۇبلىشىڭ ھوئۇسە" ئىن ئۇزبەكىستانس كاپىتال، تاشكەنت.
ۋىتھ ئالل پوسسىبلە دىلىگەنكەس ئاند سەكرەكي، ھە كومپلەتەد "تۇركىستان تراگەدي" تھە بوئوك دۇرىڭ ھىس رەمائىنىڭ يەئارس بەتۋەئەن 1966 ئاند 1973. ئىن ھىس بوئوك، ھە ئەلابوراتەد ئىن گرەئات ئەختەنت ئابوئۇت تھە ئەۋەنتس ھە پەرسوناللي ئەيە-ۋىتنەسسەد ئاند رەكوللەكتەد ئابوئۇت تھە ئەئارلي دايس ئوف ھىس لىفە ئىن كەنترال ئاسىئا ئاند ئەئاستەرن تۇركىستان، تھە پەرىئود ۋھەن گۇلجا ناتىئونال لىبەراتىئون رەۋولۇتىئون ئەرۇپتەد. ھە ئالسو دىسكۇسسەد ھىس پەرسونال ۋىئەۋ ئابوئۇت پەئوپلە، پولىتىكس، رەلىگىئون ئاند كۇلتۇرە ئوف تھە رەگىئون. ئىت ئىس ھىس بەلىئەف تھات تھە ۋاست تۇركىستان دىۋىدەس ئىنتو سوئۇتھ ئاند نورتھ، ئاند تھات تھەي ئارە ئونە ئىنتەگرال پارت ئوف تھە ۋھولە (ۋھىچ ۋاس سەپاراتەد). فور تھىس رەئاسون، ھە تىتلەد ھىس بوئوك "تۇركىستان تراگەدي".
ئەلىھان تورە ساغۇنىي ئىن ھىس لاتەر يەئارس.
ئىن مىد جۇنە 1946، دۇرىڭ تھە رەئىگن ئوف ئەئاستەرن تۇركىستان بەتۋەئەن 1944 ئاند 1949، ۋھەن ئەلىھان تورە ۋاس سەرۋىڭ ئاس تھە پرەسىدەنت ئوف تھە رەئىگنىڭ گوۋەرنمەنت ۋاس سۇممونەد بي ئۇسسر ئاتتاچې تھات ئەلىھان ۋاس ئەخپەكتەد بي ئۇزبەكىستان كوممۇنىست پارتيس گەنەرال سەكرەتاري، ئوسمان يۇسۇپوۋ، ئىن كورگاس تو دىسكۇسس كرۇكىئال ئىسسۇئەس. ھە كومپلىئەد ئاند ۋاس لۇرەد تو تاشكەنت، ئۇزبەكىستان، تھە فورمەر ئۇسسر ۋھەرە ھە ۋاس كونفىنەد. ھە سپەنت رەست ئوف ھىس لىفە ئىن تاشكەنت ئۇنتىل ھىس دەئاتھ. دۇرىڭ ھىس دەكلىنىڭ يەئارس، ئەلىھان تورە ساغۇنىي ئەڭاگەد ھىمسەلف بي ترانسلاتىڭ ئا سەرىئەس ئوف بوئوكس سۇچ ئاس "تومۇر تۇزۇكلىرى"، مۇزىكا رىسالىسى" ناۋادىر ئۇل ۋەقە" فروم پەرسىئان ئاند ئارابىك ئىنتو ئۇزبەك لاڭۇئاگە. ھە ئالسو كومپلەتەد بوئوكس سۇچ ئاس "تۇركىستان تراگەدي" ئاند "درىفتەر ساغۇنىي".
ئالتھوئۇغ، ئەلىھان تورە لىۋەد ئىن تھە سوكىئەتي ئۇندەر تھە سترىكت سوۋىئەت كوممۇنىست رۇلە، كوممۇنىكاتىئون ۋىتھ ئوئۇتسىدە ۋورلد ۋاس دەپرەسسەد ئاند پروھىبىتەد، ھىس لىتەراري ۋوركس ۋەرە سۇپپرەسسەد، ئاند يەت ھە نەۋەر ستوپپەد ئەخپرەسسىڭ ھىس ئەموتىئونس ئاند تھوئۇغتس ئىن تھە لىنەس ئوف ھىس پوئەمس ئاند لىتەراري ۋوركس. ھە ھاد ستروڭ ۋىسىئون تھات سومە داي ھىس ۋوركس ۋوئۇلد بە ۋەلل رەكەئىۋەد ئاند رەئاد، ئاند ھە ئالسو بەلىئەۋەد تھات كوئۇنترىئەس رۇلەد بي دىكتاتورس ئىنكلۇدىڭ سوۋىئەت ئۇنىئون ۋوئۇلد فاكە ئىتس جۇدگمەنت داي.
ھە بەلىئەۋەد ھە ئوۋەد ھىس ۋوركس ئاند لىفە تو ھىس ئوۋن پەئوپلە (ئىن ئەئاستەرن تۇركىستان).
ئىن تھە ئوپەنىڭ ستاتەمەنت ئوف "تۇركىستان تراگەدي"، ھە ئەخپلائىنەد تھە رەئاسونس ئوف ۋرىتىڭ تھە بوئوك، ۋھي ھە تىتلەد "تۇركىستان تراگەدي"، ۋھي ھە بەلىئەۋەد تھات تھە ۋرىتىڭ ئوف تھە بوئوك ۋاس ھىس سولە رەسپونسىبىلىتي فور ھىس پەئوپلە ئاند بەفورە گود. ھە سولەمنلي ۋروتە: "ئى، ئەلى ساغۇنىي، ستۇدىئەد ئات تھە ئەئارلي ئاگە ئىن دەپتھ تھە پەرسىئان ئاند ئارابىك لاڭۇئاگەس، نو ماتتەر ھوۋ دىففىكۇلت تھە سىتۇئاتىئون ۋاس، ئى سترىۋەد تو گائىن كنوۋلەدگە ئىن تھە فىئەلدس ئوف تھەئولوگي، مەدىكىنە ئاند ھىستوري. ئالتھوئۇغ ئى ئام فۇللي كاپابلە ئوف ئۇسىڭ پەرسىئان ئاند ئارابىك ئىن ۋرىتىڭ، رەئادىڭ ئاند پوئەتري، ئى ستىلل ستاتە پروئۇدلي تھە سۇپەرىئورىتي ئوف مي موتھەر توڭۇئە كومپارەد تو ئالل ئوتھەرس. ئى بەلىئەۋە تھات ئىف ئا موتھەر توڭۇئە ئوف ئا ناتىئون فائىلەد تو فۇنكتىئون پروپەرلي ئىن ئىتس ئوۋن سوكىئەتي ئاند ئىس سۇبدۇئەد بەفورە ئوتھەر فورەئىگن لاڭۇئاگەس، سۇچ ناتىئون ۋىلل سوئون بەگىن تو ئەخپەرىئەنكە ئەۋاپوراتىئون ئوف ئىتس ھۇمان رىغتس، ئىتس دىگنىتي ئاند بە فورەۋەر رەكوردەد ئىن بولد لەتتەرس ئىن ئىتس ھىستوري بوئوكس. سۇچ ناتىئون ۋىلل نوت ئونلي لوئوسە ئىتس تەررىتوري بۇت ئالسو بە فوركەد تو لوئوسە كونترول ئوف ئالل تھات ئىس بەستوۋەد ئۇپون. فروم ۋھات ئى ستاتەد ئابوۋە، ئى ھاۋە چوسەن فاكتس ئوف ھىستورىك ۋالۇئە فور ئى ھاۋە لوڭ سەنسەد تھات مي پەئوپلە (ئىن 1966) ۋىلل نەئەد تھوسە ھىستورىك فاكتس ئاس ئا نەكەسسىتي تو كونتىنۇئە تھەئىر سترۇگگلە جۇست ئاس فىش تو ۋاتەر تو سۇرۋىۋە".
ھە كونتىنۇئەد "ئا ناتىئون تھات فورگەتس ئىتس پاست ئاند ئىگنورەس ئىتس پرەسەنت ۋىلل بە جۇست لىكە ئا بلىند مان ۋىتھوئۇت ئا سەنسور ستىكك، فوللوۋس ھىس ئوۋن فوئوتستەپ بلىندلي ئاند ئۇلتىماتەلي بەكومەس ئا بلىند، مىندلەسس فوللوۋەر ئوف ھىس ئوۋن ئەنەمي. ئاني سەنسىتىۋە ئاند ئىنتەللىگەنت ئىندىۋىدۇئال ئوف ئەئاستەرن تۇركىستان ۋىتھ كلەئار كونسكىئەنكە شوئۇلد ئۇندەرستاند تھە ئىمپلىكاتىئون ئوف ۋھات ئى ئام تريىڭ تو ئەمپھاسىزە ھەرە".
"ئەۋەن مي كوئۇنتري دوئەس نوت لوۋە مە، ل ئالۋايس ھاۋە مي دەئەپەست رەسپەكت ئاند لوۋە فور مي كوئۇنتري. ئەۋەن مي پەئوپلە ئىگنورە مە، ئى كاننوت ئىگنورە مي پەئوپلە. ئى ھاۋە دەكىدەد تو پۇت ئىن ۋوردس تھە ئەۋەر-چاڭىڭ ھىستوري، پوئىنت ئوئۇت تھە كونسەقۇئەنكەس ئوف سۇچ چاڭەس، ۋھەتھەر ئىت ئىس گوئود ئور باد، سومەتھىڭ تھات ئوئۇر فۇتۇرە گەنەراتىئون كان بەنەفىت فروم سۇچ ئان ئەخپەرىئەنكە. ۋىتھ تھىس ئىن مىند، ئى ھاۋە دەتەرمىنەد تو ۋرىتە تھە ئەپىك ھىستوري تو سەرۋە ئاس ئا گۇئىدەبوئوك. لاستلي، ئى ۋانت تو مانىفەست كلەئارلي تھات ئى ئام نەۋەر ئان ئىسلامىك فاناتىك بۇت راتھەر ئا بورن-پھىلانتھروپىك ھۇمانىست".
ئەلىھان تورە ۋىسىئونەد تھە ئۇتموست ئىمپورتانكە ئوف ۋرىتىڭ ئابوئۇت ئەئاستەرن تۇركىستان ئىس فار مورە نەكەسساري ئاند كرۇكىئال تھان ۋرىتىڭ ئابوئۇت ئۇزبەكىستان.
ئەلىھان تورە سپەنت ئا گوئود پارت ئوف ھىس لىفە ئىن ئەئاستەرن تۇركىستان؛ ھە ئىس ئان ئىندىۋىدۇئال ۋھو ئۇندەنىئابلي ھاس ھىس ئىمپورتانت پلاكە ئىن ئەئاستەرن تۇركىستانس پولىتىكال ھىستوري.
ئىن ھىس ئىنترودۇكتىئون پارت ئوف تھە بوئوك ئاند تھروئۇغ ئوئۇت ھىس ۋوركس، ھە ئوفتەن رەمىندەد ئۇس ھوۋ مۇچ تەئار ھە شەد ئاند ھوۋ مۇچ پائىن ھە ئەندۇرەد دۇرىڭ تھە ۋرىتىڭ. تھۇس، ھە نامەد تھە بوئوك "تۇركىستان تراگەدي".
رەئادەرس كان ئەئاسىلي سەئە تھات ھە دىد نوت جۇست شەد ھىس تەئار فور تەئارس’ ساكە، ئىت ئىس ھىس ھەئارت-فەلت پائىن كرىئەد ئوئۇت فور ھىس رەگرەت، ھىس دەسىرە ئاند ھىس لوڭىڭ فور ھىس ۋاست ناتىئونس لىبەراتىئون ئاند ئىتس فرەئەدوم تھات ۋاس برۇتاللي برەئاچەد.
ئالتھوئۇغ ئەلىھان تورە ئىنىتىئاللي كونسىدەرەد ۋرىتىڭ ئابوئۇت ئۇزبەكىستان، تھە كوئۇنتري ھە رەسىدەد ئاس ھىس ئادوپتەد كوئۇنتري ئىن ۋھىچ ماني تراگىك ئەۋەنتس ئاند دراماتىك چاڭەس توئوك پلاكە دۇرىڭ ھىس رەمائىنىڭ يەئارس، ھە دەكىدەد نوت تو ئىندۇلگە ھىمسەلف ۋرىتىڭ ئابوئۇت ئىت. ئىن ستەئاد ھە ۋروتە: "تھەسە دايس ئى فەئەل تھە پروفوئۇند ئۇرگەنكي ئوف ۋرىتىڭ ئابوئۇت ئەئاستەرن تۇركىستان بەتۋەئەن تھە پەرىئود ئوف 1931 ئاند 1946 بەفورە ئىت ۋاس توتاللي گۇلپەد دوۋن بي تھە كوممۇنىست دراگون. ئى ۋاس تھە كەي فىگۇرە دۇرىڭ تھىس ئەۋەنتفۇل پەرىئود ئىن ئەئاستەرن تۇركىستانس ھىستوري؛ ئى پلايەد ئا پارت ئاند ۋىتنەسسەد ئىت فىرست ھاند. تو پرەۋەنت (ئوتھەرس) فروم دىستورتىڭ تھە فاكت، تو رەكورد ئاككۇراتەلي تھە پاست ئەۋەنتس ئاند بە ترۇتھفۇل تو ھىستوري بي كەئەپىڭ تھە ئۇنبىئاسەد ئاند ترۇئە ناتۇرە ئوف تھە فاكت، ئى ئام ھۇمبلەد تو ۋرىتە ئابوئۇت تھىس گرەئات پەرىئود. ھوۋەۋەر، ئىت ئىس كلەئار تھات تھە ھىستوري ئاند پولىتىكال سىتۇئاتىئون ئىن بوتھ ئەئاستەرن تۇركىستان ئاند ئۇزبەكىستان ھاۋە بەئەن ئىنتەنسەلي ئىنتەرتۋىنەد ۋىتھ ئونە ئانوتھەر، ئى چوئوسە تو بەلىئەۋە تھات ئىت ئىس مي دۇتي تو ۋرىتە ئا لىتتلە ئابوئۇت تھە سوۋىئەت يەئارس بەتۋەئەن 1917 ۋھەن ئۇسسر ۋاس ئەستابلىشەد ئاند كونسەقۇئەنتلي ئىگنىتەد تھە رەۋولۇتىئون تھە ۋورلد ئوۋەر تو 1931 دۇرىڭ ۋھىچ ماني دراماتىك ئەۋەنتس كامە ئون تو تھە ستاگە. ئىن تۇرن، تھە مەموري ئوف ئەۋەنتس مادە مە فەئەل ئەۋەن مورە سو دەسپەراتە تو ۋرىتە ئابوئۇت مي لىفە، تھە ئاكتىۋىتىئەس ئى ۋاس ئا پارت ئوف ئىن ئەئاستەرن تۇركىستان، (ئاند پرەسەنت ئىت) تو تھە كوئۇنتري ئى ھاۋە تھە ۋھولە-ھەئارتەد لوۋە ئاند رەسپەكت".
ۋىتھ تھەسە ۋوردس، ئەلىھان تورە سەت تو ستارت ۋرىتىڭ ھىس لىفە ستوري.
--------------------------------------------------------------------------------
ساتىك07-09-2005، 07:33 ئاممۇھتارام ئايبەك، ئىمكونى بو'سا شۇ ئاسارنى تو'لىق ۋەرسىياسىنى توپسا بو'لادىمى؟
پوستلارىزى داۋومىنى كۇتامىز!
--------------------------------------------------------------------------------
ئايبەك07-13-2005، 09:39 پمئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (8)
2005.07.13
1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىدا ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەشقەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى كېيىن ئەندىجان، توقماق ۋە قارا قول شەھەرلىرىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەمدە كۆرگەن-بىلگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە بايان قىلىدۇ.
غۇلجىغا كېتىش سەپىرىگە ئاتلىنىش
ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى باستۇرۇلۇپ، مەلۇم يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق خەلقنىڭ بولشېۋىكلارغا بولغان قارشىلىقلىرى ھېچ قاچان توختاپ قالمىغان.
ئەشۇ يىللاردا پەرغانە ۋىلايىتىدە كەڭ تونۇلغان ئىسلام ئالىمى ناسىرخان تۆرە ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىر قىسىم كىشىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ كوممۇنىستلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. بىراق بۇ قوراللىق قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ، ناسىرخان تۆرە ھەمدە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۆلۈمگە بۇيرۇلىدۇ.
ئەلىخان تۆرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ چاغدا ئۇ توقماقتا ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ، بىر كېچىدە ئۇنى تۇتۇپ، قاتتىق قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىپ سوراق قىلىدۇ. ئۈچ ئايلىق تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەلىخان تۆرە يەنە تۈرمىدىن بوشاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ شۇنىڭدەك قايتىدىن ئۆز يۇرتىنى تەرك ئېتىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا كەتمەكچى بولىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
"ئەمدى بۇ يەردە تۇرۇشنىڭ ئۆز بېشىم ياكى دىنىي پائالىيەتلىرىم ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشىنىشىم ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن غۇلجا تەرەپكە كەتمەكچى بولۇۋاتقان دوستلاردىن ئابىش دېگەن قىرغىزنى تېپىپ، ئۇنىڭ بىلەن سەپەرداش بولۇشقا ۋەدىلىشىپ، ئىككىمىز قول ئېلىشتۇق. كېيىن بەك مەخپىي ھالدا سەپەر تەييارلىقلىرىنى قىلىشقا باشلىدىم. ئات-ئۇلاق، ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلىدىم، 1930-يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىنىڭ باشلىرىدا قول ئېلىشقان يولدىشىم ئابىش كەلدى. مەن شۇ كۈنلەردە توقماقتىن ئالتە چاقىرىم يىراقتىكى شور تۆپەدىكى يېرىمدە دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەن ئىدىم. ئىشلىرىم چالا بولسىمۇ، پىلانىمنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ھەممىسىنى تەڭرىگە تاپشۇرۇپ، خۇپتەن نامىزىمنى ئۆتۈگەندىن كېيىن، چالا قازاق كىشىلەردىن ئابدۇرېشىد خوجا، تۇڭگان موكېمىر، سەپەرداش قىرغىز ئابىش قاتارلىق تۆت كىشى ئاتلىنىپ، توقماققا يېتىپ كەلدۇق."
شۇنداق قىلىپ، ئەلىخان تۆرە سەپەرداشلىرى بىلەن مەلۇم بىر كېچىسى ئۆز ئۆيىگە كېلىپ، بالا-ۋاقىلىرى بىلەن خوشلىشىدۇ. كۆزلىرىدىن بىچارىلىق ياشلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان پەرزەنتلىرىنىڭ يىغا-زارىلىرى، ئۇلارنىڭ " سىز كەتسىڭىز بىز قانداق ياشايمىز" دېگەن نالە -پەريادلىرى ئالدىدا يۈرىكى ئېزىلگەن ئەلىخان تۆرە نېمە بولسام مەيلى، بالىلىرىم بىلەن قېلىپ، بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي دەپمۇ ئويلايدۇ،. بىراق ئۇ ئۆزىگە ھاي بېرىپ، بۇنداق قىلغاندا بەلكى، ئەشۇ بالىلىرىدىن ئەبەدىي ئايرىلىشى مۇمكىنلىكىگە كۆزى يېتىپ، قەتىي ئىرادە بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئوز ئائىلىسىنى، پەرزەنتلىرىنى تاشلاپ، جان قايغۇسىغا قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، بۇنىڭ كوممۇنىستلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ياشلارغا ئېيتىلغان قەلب سۆزلىرى
1930-يىلى، ئەلىخان تۆرە ئۆز ۋەتىنىنى ئاخىرقى قېتىم تەرك ئېتىپ، ئۇيغۇر دىيارىغا كەلدى.ئۇ ،ئىلگىرى-كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ 30-يىللاردىكى سىياسىي ۋەقەلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ۋە بۇ جايدىمۇ تۈرمىگە تاشلاندى. 40-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بولدى. ئەلىخان تورە ئۆزىنىڭ قەلب سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
"كۆز ئاچقان كۈنىمدىن بۇيان قوزغالغان مەقسىتىم شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقىدۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى قانچىلىغان ۋەتەن بالىلىرىنىڭ تۆكۈلگەن مۇقەددەس ياش قانلىرى ھېسابىغا قولغا كەلگەن ئىدى. نە چارە؟ ئۆزىنى ئېزىلگەن -يەنچىلگەن خەلقلەرنى زالىملاردىن قۇتقۇزغۇچى، دۇنيا بويىچە ھوقۇقسىز -مەزلۇملارغا ياردەم بەرگۈچى ھېسابلىغان ئالدامچى، كاززاب ستالىن ھۆكۈمىتى ئالتە مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز پايدىسى ئۈچۈن قۇربان قىلدى. قوينى بۆرىنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزدى، لېكىن كەچقۇرۇن ئۇنىڭ قول-پۇتلىرىنى باغلاپ قاسساپقا تاپشۇرۇپ بەردى"
ئەلىخان تۆرە يەنە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇنداق قەلب سۆزلىرىنى يازىدىغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىكى ئاجىزلىقلارنى تەنقىد قىلىدىغانلىقىغا ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
"ئەمدى باشتىن ئاياق بۇنداق پاجىئەلىك تارىخىي سۆزلەرنى يېزىشىمدىن كۆزلىگەن مېنىڭ تۈپ مەقسىتىم قۇرۇق سۆز قىلىش ئەمەس ،بەلكى پۈتۈن ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئۆز ۋەتەنلىرىدە تۇرۇپ، غېرىب بولغان تۈركىستان خەلقىنى، يەنى ھازىرقى ۋە كېلەچەكتىكى ۋەتەن ياشلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ،ئۇلارنى ئۆلۈم ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇشتۇر. كۆڭلۈمدىكى مۇڭلۇق قايغۇلۇرۇمنى قەلەم ئۇچىدىن تۆكۈپ يازغان بۇ كىتابىمنى ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچى ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتسۆيەر قەھرىمان بالىلىرىمىزغا مېنىڭ تاپشۇرۇقۇم شۇكى تىلىم ئۇچىدىن ئەمەس ، دەرتلىك دىلىم ئىچىدىن چىقىرىپ يازغان يالقۇنلۇق سۆزلىرىمنى پەقەت ئوقۇپلا قويماستىن ھەر بىر ئېغىز سۆزۈمنى تەھلىل قىلىپ ،ئۇنىڭ ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزسۇن! . ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئەمەس ،مەدەنىيەت تەرەققىيات بولغان 20-ئەسىرىمىزدەئىكى ئىنسانلار مىللىي، ۋەتەنىي، دىنىي ھوقۇقلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن قايسى نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشۈنۈپ ئۇنىڭ چارىسىنى قىلسۇن !".
(ئۈمىدۋار)
--------------------------------------------------------------------------------
ئايبەك07-20-2005، 11:35 پمئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (9)
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ تۈركىستان قايغۇسى ناملىق كىتابىدا بايان قىلىشىچە، ئۇ سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن 1930-يىلىنىڭ سېنتەبىر ئايلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىغا كەتمەكچى بولۇپ، يولغا چىققان بولسىمۇ، بىراق تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ۋە سوۋېت چېگرا قوغدىغۇچى ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق قامال قىلىشى تۈپەيلىدىن چېگرىدىن ئۆتەلمەي ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ئەمما، ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان بولشېۋىك ھۆكۈمىتى ئۇنى تۇتۇپ، بىشكەكتىكى تۈرمىگە تاشلايدۇ. قاتتىق تۈرمە ئازابلىرى، قىيىن-قىستاقلار ئۇنىڭ ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت ھۆكۈمىتى ئەڭ خەتەرلىك جىنايەتچى دەپ قارىغانلارنى سىبىرىيىنىڭ يىراق جايلىرىدىكى ئورمانلىقلارغا سۈرگۈن قىلىپ، ئېغىر ئەمگەكلەرگە سالاتتى. سوۋېت ھۆكۈمىتى ئەلىخان تۆرىنى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ. لېكىن، ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۈرمىدىن قېچىپ، تۇڭگانلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇپ يۈرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان تەرەپكە قايتا قاچىدۇ.
شان-شەۋكەتنىڭ يوقىلىشىدىكى سەۋەبلەر
ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ قاچقۇنلۇق ھاياتىدا كۆرگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە تەپەككۈر قىلىپ، تارىختا شۇنچە قۇدرەتلىك بولغان تۈرك مىللىتىنىڭ ئەۋلادى ھېسابلانغان خەلقلەرنىڭ بۇ كۈنلەردە ئاجىزلىشىپ، شان- شەۋكىتىنى يوقىتىپ، ئۆز ۋەتەنلىرىگە ئىگە بولالماي قېچىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىدىن قاتتىق ئېچىنىدۇ. ئۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇنداق ھۆكۈم قىلىدۇ:
مىللىي ھاكىمىيىتىمىزدىن ھازىرچە ئايرىلغان بولساقمۇ، بىراق مىللىي ھېسسىياتىمىزدىن ئايرىلماي، ئۇنى ساقلاپ قالساق كېلەچەك دۈشمەنلەرگە يۈتۈلۈپ كېتىشتىن ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالالايمىز. ئەمدى بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قويۇلغان مەسىلىلىرىمزنىڭ ئەڭ بىرىنچى شەرتى تىل مەسىلىسىدۇر. ئەگەر بىز تىل -ئەدەبىياتىمىزنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ قەدىر -قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، باشقا مەدەنىي مىللەتلەر دەرىجىسىگە يەتكۈزەلىسەك، مانا بۇ چاغدا مىللىتىمىز ۋە مىللىي ھېسسىياتلىرىمىز دائىمىي رەۋىشتە تەرەققى قىلىپ ساقلانغۇسىدۇر. ئەگەر بۇنداق بولمايدىكەن ،بەلكى ئەكسىچە ئۆز ئانا تىلىنىڭ قەدرىگە يەتمەي، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەيدىكەنمىز، ئۇ چاغدا ئۇزاققا بارماي ئۆز تىللىرىمىزدىن ئەبەدىي ئايرىلىپ قالىمىز. ئەنە شۇنداق ئۆز ئانا تىلىدىن ئايرىلىش مىللىي ھېسسىياتنى يوقىتىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ ئىش ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئەڭ زور خىيانەت ھېسابلىنىدۇ.
ئەلىخان تۆرە بىر مىللەتنىڭ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزلىرى سەۋەب بولىدىغانلىقى، ئۆزلىرىدىكى ئىرادىسىزلىك، ئاڭسىزلىق شۇنىڭدەك مۇسۇلمان مىللەت بولسىمۇ، ئەمما ، ئۆز ئىمانىغا سادىق بولماسلىق قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى شەرھلەيدۇ. ئۇ، ئۆزىنىڭ كۆپىنچە ئانالىزلىرىدا شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك خەلقلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ پىكىر يۈرگۈزىدۇ.
مىللىي ھېسسىيات ۋە مىللىي تىل-مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ كاپالىتى
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي مىللىي ھېسسىيات بىلەن تىلنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقتىكى رولى ھەققىدە مۇنداق پىكىر قىلىدۇ:
"مىللىي ھاكىمىيىتىمىزدىن ھازىرچە ئايرىلغان بولساقمۇ، بىراق مىللىي ھېسسىياتىمىزدىن ئايرىلماي، ئۇنى ساقلاپ قالساق كېلەچەك دۈشمەنلەرگە يۈتۈلۈپ كېتىشتىن ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالالايمىز. ئەمدى بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قويۇلغان مەسىلىلىرىمزنىڭ ئەڭ بىرىنچى شەرتى تىل مەسىلىسىدۇر. ئەگەر بىز تىل -ئەدەبىياتىمىزنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ قەدىر -قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، باشقا مەدەنىي مىللەتلەر دەرىجىسىگە يەتكۈزەلىسەك، مانا بۇ چاغدا مىللىتىمىز ۋە مىللىي ھېسسىياتلىرىمىز دائىمىي رەۋىشتە تەرەققى قىلىپ ساقلانغۇسىدۇر. ئەگەر بۇنداق بولمايدىكەن ،بەلكى ئەكسىچە ئۆز ئانا تىلىنىڭ قەدرىگە يەتمەي، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەيدىكەنمىز، ئۇ چاغدا ئۇزاققا بارماي ئۆز تىللىرىمىزدىن ئەبەدىي ئايرىلىپ قالىمىز. ئەنە شۇنداق ئۆز ئانا تىلىدىن ئايرىلىش مىللىي ھېسسىياتنى يوقىتىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ ئىش ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئەڭ زور خىيانەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بولدى دېمەك ئۇلۇغ تۈركىستان خەلقى-تۇران نەسلى باسقۇنچىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە يوقىلىپ، مۇنقەرزلىككە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ تارىخ سەھىپىسىدىكى شان -شەرەپلىك نام-نىشانلىرى ئۆچۈرىلىدۇ دېمەكتۇر، بۇنىڭدىن ئاللاھ ساقلىسۇن!".
ئەلىخان تۆرىنىڭ نەزىرىدە تىل بىر مىللەت ئۈچۈن ئەڭگۈشتەر بولۇپ، تىلسىز ۋە دىنسىز مىللەت مەۋجۇت بولمايدۇ، مىللىي ھېسسىيات بىلەن تىل زىچ بىرلەشكەن. تىل يوقالسا، مىللىي ھېسسىيات يوقىلىدۇ، مىللىي ھېسسىيات يوقالسا، تىل ھەم مىللەتنىڭ ئۆزىمۇ يوقىلىدۇ.
ئۇ مۇنداق دەپ خۇلاسە قىلىدۇ:
"دۈشمەنگە يۈتۈلۈشتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى شۇ ئىككى نەرسىدىن ئىبارەت - بىرىنچىسى دىنىي ئىخلاس، ئىككىنچىسى مىللىي ھېسدۇر. ئەگەر قايسى بىر مىللەت بۇ ھېسلارغا مالال يەتكۈزمەي ، ياخشى ساقلايدىكەن، ئۇنداق مىللەت دۈشمەن تەرىپىدىن يۈتۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەستۇر."
تىل ۋە مىللىي ئەدەبىياتنى راۋاجلاندۇرۇشمۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر
ئەلىخان تۆرە بۇ ھەقتە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
" بىز ئۆز مىللىي ھېسسىياتىمىزنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىمىز ئۈچۈن كېرەكلىك، زۆرۈر تىللارنى ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۆز ئانا تىلىمىزغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىپ، مىللىي ئەدەبىياتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تىللىرى دەرىجىسىگە يەتكۈزۈشىمىز لازىم. مانا شۇنداق قىلغاندىلا بىزلەر ئالدىمىزدا ئېغزىنى ئېچىپ تەييارلىنىپ ياتقان قىزىل ئەجدىھارنىڭ يۈتۈشىدىن ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز. تىل-ئەدەبىياتىمىز قانچىلىك ئۆسۈپ تەرەققى تاپىدىكەن ، ئىلىم-مەرىپەتمۇ شۇنچىلىك راۋاجلىنىۋېرىدۇ."
"بىر مىللەت ئۆز ھاياتىي ھوقۇقلىرىنى كېرەكلىك شارائىتلار بىلەن قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇ مىللەتنىڭ ئالىي ھىممەتلىك ئوغلانلىرى پىدايىلارچە مال ۋە جېنىنى ئايىماي، بۇ يولدا ھەر قانچە قىيىنچىلىق پەيدا بولسىمۇ ،ئۇنىڭغا قارشى كۆكرەك كېرىپ، چىداملىق بىلەن ئىش ئېلىپ بارىدىكەن، ئەنە شۇ چاغدىلا ھەقىقەتنى كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتەلەيدۇ."
ئەلىخان تورە ساغۇنىي 1931-يىلى ئىلى ۋادىسىغا يېتىپ كېلىپ، غۇلجا شەھىرىدىكى يېقىن دوستلىرىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ پاناھلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى زامان سىياسىي تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرگە ئىشتىراك قىلىش ھەتتا رەھبەرلىك قىلىش ھاياتى باشلىنىدۇ. (ئۈمىدۋار)
--------------------------------------------------------------------------------
شوكىربەك07-21-2005، 12:27 ئامئەلىخان ت&ئوئۇمل؛رە ساغۇنىينىڭ "ت&ئۇئۇمل؛ركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (1) 2005.06.01
تو ۋىئەۋ لىنكس ئىن تھىس فورۇم يوئۇر پوست كوئۇنت مۇست بە 1 ئور گرەئاتەر. يوئۇر پوست كوئۇنت ئىس 0 مومەنتارىلي.
بىرودارىم ئايبەك، سىز كەلتىرگان كىتوب مۇقوۋاسى كرىلل ئالىفبوسىدا ئەكان، شۇ كرىلل ئالىفبوسىدا بوسىلگان ئاسارنى شۇندايىچا قو'يىشنىڭ ئىلوجى يو'قمى؟
--------------------------------------------------------------------------------
ئايبەك07-28-2005، 01:57 پمئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (10)2005.07.27
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ 1966-1973-يىللىرىدا يېزىپ تاماملىغان، ئەمما پەقەت ئۇ ۋاپات بولۇپ، 27 يىلدىن كېيىن نەشىر قىلىنىشقا مۇۋەپپەق بولغان ئەسىرى" تۈركىستان قايغۇسى" دا ئۆزىنىڭ 1931-يىلى ئىككىنچى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەندىن كېيىن باشلانغان مۇرەككەپ ھاياتى ھەققىدە مەخسۇس بايان قىلىدۇ.
ئەلىخان تۆرىنىڭ غۇلجا تەسىراتلىرى
ئەلىخان تۆرىنىڭ تەسۋىرلىرى ئاستىدا بىز 1931-يىلىدىكى غۇلجىنىڭ ئىجتىمائى-مەدەنىي ھاياتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولىمىز. سۈيدىڭدىن ئۆتۈپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئەلىخان تۆرە توقماق ئۇيغۇرلىرىدىن بولغان ئالماسبېك ھاجىنىڭ ئوغۇللىرىدىن تۇرداخۇنبېك ئىسىملىك كىشىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ.
ئۇيغۇر بايلىرىدىن ھېسابلانغان تۇرداخۇن بەگ ئەلىخان تۆرىنى ناھايىتى قىزغىن كۈتىۋېلىپ، ئالىي ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ھەمدە ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىغا نامى چىققان بايلار، قازى-مۇفتى ئاخۇنلار شۇنىڭدەك جەمىيەتنىڭ باشقا كاتتا ئەربابلىرىنى مېھمانغا چاقىرىپ، ئەلىخان تۆرىنى تونۇشتۇرۇپ، زىياپەتلەر بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەلىخان تۆرە بۇ "يۇقىرى قاتلام" ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل مېھمىنى سۈپىتىدە قولدىن-قولغا ئۆتۈپ، قىزغىن كۈتىۋېلىنىدۇ. ئەمما، بۇ قىزغىن كۈتىۋېلىشلار، باياشات زىياپەتلەر ئەلىخان تۆرىنىڭ يۈرەك ئازابلىرىنى يوقىتالمايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى بۇ ھايات ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ھاياتى بولماستىن، ئەمەلىيەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار مىللىي خورلۇق، نادانلىق ۋە زۇلۇم ئىچىدە ياشىماقتا ئىدى. ئەلىخان تۆرە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەھۋالى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۆز كۈندىلىك ھاياتىدىكى راھەت-پاراغەت بىلەنلا بولۇپ كەتكەن مەزكۇر ئۇيغۇرلارغا ئېچىنىپ مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
"لېكىن، ئايلارچە، يىللارچە داۋاملاشقان مۇنداق زىياپەتلەردە كۆرگەن ھۆرمەتلەر ۋە سۈپەتلەشلەر كۆڭلۈمدىكى دەردلىك جاراھەتلىرىمگە شىپالىق بېرىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا تۇز قۇيغاندەك سېزىلمەكتە ئىدى. چۈنكى، چوڭ-كىچىك باي سودىگەرلەر، مۇفتى-ئەلەم ئاخۇنلار باشلىق پۈتۈن خەلق غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان، جاھالەت پاتقىقىغا پۈتۈنلەي پاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادىي توزاق-قاپقانلارى ھەر قەدەمدە، ھالاكەت ئورىلىرى پەردىلەنگەن ھالدا ھەر يەرگە قېزىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىلىرى بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، بۇ ھالاكەت ئورىلىرىنى پەرۋانىدەك ئايلىنىپ، ئۆز جانلىرىنى قۇربان قىلىۋاتاتتى".
ئەلىخان تۆرىنىڭ يېزىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىدىكى ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا يەنە تۇڭگان، قازاق، قىرغىز، قالماق، شىۋە ۋە سولون قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە ئۆزبېك، رۇس ۋە نوغاي(تاتار) قاچاقلىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئىچىدە نوغايلار زامانىۋى چۈشەنچىلەرگە ئىگە خەلق بولغاندىن سىرت باشقا مۇسۇلمانلار ئىچىدە بىلىم ئىگىلىرى چەكلىك، خەلق ئومۇمىي يۈزلۈك نادانلىق پاتقىقىغا پاتقان ئىدى.
ئەلىخان تۆرە يەنە بۇ يەردىكى قاچاق ئۆزبېكلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " رۇسىيە تەرەپتىن كەلگەن كۆڭلى كور ئۆزبېك باي-سودىگەرلىرى ھېچ نەرسە كۆرمىگەندەك، ئۆزلىرىنى سودا ئىشلىرىغا پەرۋانىلارچە ئۇرماقتا ".
ئەلىخان تۆرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېلىدىغان ماللار ئىچىدە ھاراقنىڭ سودىسى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنىدا ھاراق ئىچىشنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىلا ئەمەس، بەلكى ھارام نەرسىنىڭ سېتىلىشىنىڭمۇ ھارام قىلىنغانلىقىغا قارىماي، بىر قىسىم باي سودىگەرلەر ھالالدىن ھارامنى ئارتۇق كۆرۈپ، ھاراق سودىسىغا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئەلىخان تۆرە ئۆزبېك سودىگەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇلارنىڭ بۇ سودىسىنى "ھالالدىن ھارامغا ئايلىنىپ كەتتى "دەپ تەنقىد قىلىدۇ.
ئەلىخان تۆرە ئۆزى قەدەم باسقان بۇ تۇپراقنى شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇرىستان دەپ ئاتىغان
ئەلىخان تۆرە "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىدا يەنە ئۆزىنىڭ غۇلجا سەپىرىدە كۆرگەن ئۇ جايدىكى قازاق قېرىنداشلارنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدىمۇ بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا قازاقلار ئىنتايىن ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ئېغىرچىلىقتا ئۆتكەن ئىكەن.
ئۇ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ 1930-1931-يىللىرى پۈتۈن ئاشلىقلارنى ئامبارلارغا يىغىۋېلىشى بىلەن قازاقىستاندا ئاچارچىلىق پەيدا قىلغانلىقى، نەتىجىدە كۆپلىگەن قازاق، قىرغىز ۋە باشقىلارنىڭ قىرىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، قازاق-قىرغىزلار سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ قولىدىكى خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ قاتتىق ئازاب چەككەن خەلق بولۇشىغا قارىماي، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەقدىرىنى ئۇنتۇپ، رۇسلىشىشقا، ئۆز ئانا مەدەنىيىتى ۋە تىللىرىنى ئۇنتۇشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئەلىخان تۆرە بۇنىڭدىن ئېچىنىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ:
" ئانا تىلىدىن ئايرىلدى دېمەك، ئىنسانلىق ھوقۇقىنى ساقلىيالماي، ھاياتلىق ئالىمىدە باشقىلارنىڭ ھېسابىغا ياشىغانلىقتىن مۇنقەرزلىككە ئۇچراپ، تارىخ يۈزىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلدى دېمەكتۇر. ئەمدى بۇنىڭ بىردىن- بىر چارىسى دىنىي ھېسلىرى يوقالغان بولسىمۇ، مىللىي ھېسلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن تۈرلۈك يوسۇندا ئانا تىل ئەدەبىياتلىرىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، ئىلمىي تىللار قاتارىغا يەتكۈزۈش لازىم"
ئەلىخان تۆرە ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقنىڭ بۇ خىل مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان، نادان قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ چارىلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ تارىخچىغا خاس ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلى ۋادىسى جۈملىدىن غۇلجا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنىڭ قەدىمىي تارىخلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يۇرتنىڭ ئەزەلدىنلا تۈركىي خەلقلەرگە تەۋە زېمىنلىكى، بۇ جايدىكى تارانچىلار دەپ ئاتالغان خەلقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەشۇ قەدىمىي مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەلىخان تۆرە " تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرىدە ئۇيغۇر دىيارىنى شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇرىستان دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرىستان ياكى شەرقىي تۈركىستان ئومۇمىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىمىدۇر. ئۇ، ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەقىقى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىنىڭ ئېغىر زۇلۇم ئىچىدە ئۆتمۈشتىكى شان-شەۋكىتىنى يوقىتىپ، نادانلىق ۋە جاھالەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتقانلىقىغا چوڭقۇر ئېچىنىپ، قەلبى چەكسىز ئازابلىنىدۇ. (ئۈمىدۋار)
--------------------------------------------------------------------------------
ئايبەك08-10-2005، 04:25 پمئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (11)
2005.08.10
1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىدا يەنە 1931-يىلى قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق بايان قىلىدۇ.
ئىنقىلاب ئىلھاملىرى
تو ۋىئەۋ لىنكس ئىن تھىس فورۇم يوئۇر پوست كوئۇنت مۇست بە 1 ئور گرەئاتەر. يوئۇر پوست كوئۇنت ئىس 0 مومەنتارىلي. "تۈركىستان قايغۇسى" نىڭ مۇقاۋىسى
1931-يىلى قۇمۇل قوزغىلىڭى يۈز بەرگەندە ئەلىخان تۆرە غۇلجىدا بولۇپ، ئۇ خوجا نىياز ھاجىم رەھبەرلىكىدىكى بۇ ئىنقىلاب ھەققىدە كۆپ ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا خوجا نىياز ھاجىمنىڭ قەھرىمانلىقلىرى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ قومۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئازاد قىلغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەرگە ئائىت تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئىلى ۋىلايىتى دائىرىسىدىكى خەلق ئارىسىغىمۇ يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن تۇڭگان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بىرلەشكەنلىكى بولۇپمۇ، ماجۇڭيىڭ بىلەن خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ھەمكارلىشىپ، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى جايلاردا جىڭ شۇرېن قوشۇنلىرىنى كۆپ قېتىم يەڭگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن ئىلھاملانغان بىر قىسىم غۇلجا تۇڭگانلىرى ھەم باشقا مۇسۇلمانلار خىتاي چىرىكلىرىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىدۇ.
بۇ يەردە ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ غۇلجىدىكى ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئەمما، باشقا جايلاردىكى ۋەقەلەرنى پەقەت ئاڭلىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە ئۆز تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، 30-يىللاردىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي مىلىتارىستلىرىنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغانلىقى، خىتايلارنىڭ بۇ جايدىكى خەلقلەرگە نىسبەتەن ۋەھشىيانە زۇلۇم قىلىش، كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىدۇر. لېكىن، ئەلىخان تۆرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىپ، ئۆزى بىلەن ھەمكارلاشمىغان خىتاي مىلىتارىستى جىڭ شۇرېننى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سوۋېت پەرەس خىتايلارنى دەسسەتمەكچى بولىدۇ ھەمدە شېڭ شىسەينى يۆلەپ، ئۆلكىنىڭ ھوقۇقىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قوزغىلاڭچىلار ئارىسىغا، بولۇپمۇ تۇڭگانلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كۆپ زىددىيەت ئوتى ياقىدۇ ھەمدە بىۋاستە قىزىل ئارمىيىسىنى كىرگۈزۈپ، خىتايلارغا ياردەملىشىپ، بۇ جايدىكى سوۋېتكە قارشى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرىدۇ.
ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، رۇس ئارمىيىسى ناھايىتى ۋەھشى بولۇپ، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئادەملەرنى قىرغىن قىلىدۇ. ھەتتا ئائىلە بويىچە قىرىپ تاشلاش ۋەقەلىرىنىمۇ سادىر قىلىدۇ. رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقى غۇلجا خەلقىغە ئېغىر بالايى-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرىگەن ئەلىخان تۆرە ئاخىرى يوشۇرۇنچە غۇلجىدىن ئايرىلىپ، مۇز داۋان ئارقىلىق تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولىدۇ.
ئەلىخان تۆرىنىڭ ھۆكۈمىچە، پاجىئەنىڭ مەنبەسى ئىتتىپاقسىزلىقتۇر
ئەلىخان تۆرە 30-يىللاردا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا پارتلىغان قوزغىلاڭلار ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاخىرىدا بۇ ئۆلكىدە يەنىلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قايتا ئورنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق ئىكەنلىكى، خوجا نىياز ھاجىم بىلەن ما جۇڭيىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭمۇ بالايى -ئاپەتلەرگە ئاساس بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەلىخان تۆرىنىڭ چۈشىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا سابىت داموللام قاتارلىقلار قەشقەردە مىللىي ھاكىمىيەت قۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئىتتىپاقسىزلىقنى تۈگىتەلمىدى. بىر-بىرىگە بېقىنمايدىغان بىر قانچە گۇرۇپپا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۆز ئارا زىددىيەتلىشىشى دۈشمەڭە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئەمما، ئەلىخان تۆرە مۇسۇلمانچىلىق ئىدىيىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، "ماجۇڭيىڭنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئازاد قىلىش قۇربىغا ئىگە قەھرىمان" دەپ مەدھىيىلەپ، تۇڭگانلارن ئاقلاش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا خوجا نىياز ھاجىم ۋە ماھمۇد مۇھىتى قاتارلىق ئۇيغۇر قوزغىلاڭچى رەھبەرلەرنى پىتنە-پاساتلارغا ئىشىنىپ تۇڭگانلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى بۇزغان دەپ تەنقىد قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئەلىخان تۆرە بۇ قوزغىلاڭلارغا بىۋاستە قاتناشمىغانلىقى، ئەنە شۇ رەھبىرى كىشىلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچراشمىغانلىقى ھەمدە سۆھبەتتە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر -تۇڭگان ئىش بىرلىكىنى لىللا مەيداندا تۇرۇپ، باھالاشتا چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ئۇ پەقەت ئىسلامىيەتتىكى ئىتتىپاقلىق ۋە بەرگەن ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئىدىيىسىگە تايانغان. ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە، مەيلى خوجان نىياز ھاجىم، مەيلى ماجۇڭيىڭ بولسۇن ھەر ئىككىلىسىلا مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلىشى كېرەك، دۈشمەنلەرنىڭ پىتنە-پاساتلىرىغا، ئالدامچىلىقىغا ئىشەنمەسلىكى لازىم ئىدى.
ئەلىخان تۆرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار ئارىسىدا زىددىيەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ھەتتا كۈچىيىپ، بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىش دەرىجىسىگە يېتىپ، نەتىجىدە بۇ ئىككى كۈچنىڭ ھەممىسىنىڭلا مەغلۇپ بولۇپ، خىتايلارنىڭ ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىشى سوۋېت ئىتتىپاق كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قوللانغان رەزىل ۋاسىتىسى ۋە ئويۇنىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن بۇ ھىلە-نەيرەڭلەرنى سېزەلمەي، دۈشمەڭە ئالدانغان. (ئۈمىدۋار)
--------------------------------------------------------------------------------
ئايبەك08-18-2005، 05:49 پمئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (12)
2005.08.17
1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ 60-70-يىللاردا تاشكەنتتە يازغان "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىنىڭ بىرىنچى تومىدا 30-يىللاردىكى كەڭ كۆلەملىك ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەققىدە كۆپ توختىلىدۇ شۇنىڭدەك بۇ كۈرەشنىڭ مەغلۇبىيەت سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئەلىخان تۆرىنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ سىياسىي ئىشنىڭ ھۆددىسىن چىققۇدەك يېتۈك رەھبەر يوق ئىدى
1931-1933-يىللىرى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھىمسىز تاشقى سىياسىي ئويۇنلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، قايتىدىن شېڭ شىسەيدەك جاللاتلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان پاجىئەلىك قىسمەتلىرىدىن ئىنتايىن ئېچىنغان ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئۆزىنىڭ " تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەغلۇبىيىتىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق يەكۈنگە كەلگەن:
" ئىككىنچى بۇخارا دەپ ئاتالغان قەشقەردىن تارتىپ، پۈتۈن ئالتە شەھەر-ئۇيغۇرىستان ئۆلكىسىدە بۇ كەبى ئۇلۇغ سىياسى ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك يېتۈك بىر ئادەم يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىچارە مۇسۇلمانلار شۇنچىلىك ئېغىر بۆلگۈنچىلىكلەرگە ئۇچرىغان ئىدى. چۈنكى، دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كېرەك بولغان ئەسۋابلار قوللىرىدا تەييار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئۆز ئورنىدا ئىشلىتەلىكىدەك ئۇستىلار يوق بولغاچ، ئۇنىڭدىن پايدىنالمىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە قىزىل مەككارلار، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزارا ئىتتىپاقلىرى بىلەن قۇرۇلۇۋاتقان يېڭى ھۆكۈمەتنى بىرەر دۆلەتنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن دۇنياغا تونۇلۇپ قالمىسۇن دەپ، بۇنىڭ چارىلىرىنى قىلىشقا قاتتىق كىرىشكەن ئىدى. ئۇ كۈنلەردە قەشقەردە سوۋېت رۇسىيىسىگە قارشى ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسىمۇ ئىشلىمەكتە ئىدى. يەرلىك خەلقتىن تەشكىلىي رەۋىشتە ئىش ئېلىپ بارغۇچى سىياسىي كىشىلەرنىڭ يوقلىقىدىن ۋە ھەم جۇغراپىيىۋى ئورنىمىز مەدەنىيەت ئالىمىدىن بەك يىراقتا تۇرغانلىقتىن، بىز ئىككى تۈركىستان يەرلىك خەلقى ئەسىرلەر بويى كۆتۈرۈلگەن شۇ ئىنقىلابلاردىن يېتەرلىك رەۋىشتە پايدىلىنالماي قالدۇق. شۇنىڭغا كۆرە ، بىزلەرنىڭ تەقدىرىمىز ئۆز دۈشمەنلىرىمىز -قارا-قىزىل ئەجدىھارلارنىڭ پايدىسىغا مۇۋاپىق ھالدا بەلگىلەنمەكتە ئىدى".
ئەلىخان تۆرە خەلقنىڭ بېشىغا چۈشكەن بۇ ئېغىر كۈنلەرگە ناھايىتى ئېچىنسىمۇ، لېكىن يەنىلا كېلەچەككە بولغان ئۈمىد-ئىشەنچىسىنى يوقاتمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۆز ھېسسىياتىنى مۇنداق شېئىر مىسرالىرى ئارقىلىق ئىپادە قىلىدۇ:
ئۈمىدسىز بولما ھەي ساغۇنىي، ئۈمىدنىڭ كۆرمىگى باردۇر،قاراڭغۇ كېچە تامامىدىن قۇياشنىڭ چىقمىقى باردۇر.
كۈچلۈك تەدبىركارلاردىن تەشكىللەنگەن بىر سىياسىي جەمىيەت كېرەك ئىدى
ئەلىخان تۆرە ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، ھەر قايسى قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق ۋە باش-باشتاقلىقنى تۈگىتىپ، ئىنتىزاملىق ۋە مۇستەھكەم ھۆكۈمەت تەشكىلى قۇرغاندىلا ئازادلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ:
"بىردىن بىر يول، ئەگەر مەن ئويلىغاندەك، پۈتۈن خەلققە سۆزى ئۆتىدىغان ئابرويلۇق، داھىيلىق سۈپىتىگىمۇ ئىگە بولغان، زامانىسىنى چۈشەنگەن تەدبىركارلاردىن بىر كۈچلۈك سىياسى جەمىيەت قۇرۇلغان بولسا، كېيىن بۇ جەمىيەت ئارقىلىق قەشقەردىكى باشقا بىر كۈچلۈك دۆلەت ۋەكىلى بىلەن كېلىشىپ، تەرتىپلىك رەۋىشتە ئىش ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈن ئۇيغۇرىستان نامىدىن خەلقنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان ھەقىقىي ئىسلامىيەت ئاساسىدا ھۆكۈمەت قۇرۇلسا، ۋەتەن بالىلىرى ئۆزارا ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، كۈچلۈك بىر ھەربىي قوماندانلىق تەشكىل قىلىپ ۋە مۇمكىن قەدەر ئۇنى ياخشى قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئېھتىياتلىق بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىلغاندىلا ئۆز ھۆكۈمىتىنى قولغا ئېلىشى مۇمكىن بولار ئىدى".
ئەممما ئەلىخان تۆرىنىڭ بۇ ئارزۇسى 30-يىللار شارائىتىدا ئەمەلگە ئاشمىدى. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سابىت داموللام، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ماھمۇت مۇھىتى ، مەقسۇت مۇھىتى ۋە خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق كۆپلىگەن خەلق رەھبەرلىرى مىللەتنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش يوللىرىنى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئىزدەپ، ھەر خىل چارە -تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ شۇنداقلا رەقىپلىرى ھېسابلانغان خىتاي مىلىتارستلىرىنى يېڭىپ، ئۆلكىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئازاد قىلغان بولسىمۇ، بىراق تاشقى كۈچلەر جۈملىدىن بىرىنچى بولۇپ، ستالىن رەھبەرلىكىدىكى موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىقىنى خالىمىغانلىقى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىغا نىسبەتەن خەتەرلىك دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن بەرىبىر ئۇنى قۇربان قىلىۋەتتى، ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي مىلىتارستلىرىغا ياردەم بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۆكۈلگەن قانلىرىنى زايە قىلىۋەتتى.
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي شۇنىڭدىن كېيىن، 1937-يىلىدىكى شېڭ شىسەينىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ .شېڭ شىسەي كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىشنى باشلىغاندا شۇ قاتاردا ئەلىخان تۆرىنىمۇ تۇتماقچى بولىدۇ، بىر كۈنى كېچىدە بىر توپ ساقچىلار ئەلىخان تۆرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئىشىكنى قاقىدۇ، ئۇنىڭ ئوغلى ئاسىلخان ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، دادىسى ئەلىخان تۆرىنى قاچۇرىۋېتىدۇ. نەتىجىدە ئېلىخان تۆرە مەھەللىسىدىكى كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇشى بىلەن ئىككى ئاينى ئۆتكۈزىدۇ، پايلاقچىلار ھەر قانچە قىلىپمۇ، ئەلىخان تۆرىنى تاپالمايدۇ. ئەلىخان تۆرە ئاخىرى غۇلجىدا تۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يوقلىقىنى بىلىپ، يۇلتۇز ئارقىلىق تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا ئۆتۈپ كېتىش سەپىرىگە ئاتلىنىپ، ئاخىرى مىڭ بىر جاپالارنى چېكىپ، كۇچارغا يېتىپ كېلىدۇ. (ئۈمىدۋار)
--------------------------------------------------------------------------------
ئايبەك08-25-2005، 01:55 پمئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (13)2005.08.27
ئەلىخان تۆرە 1937-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا مىڭ بىر جاپالارنى چېكىپ، تۈرلۈك خەتەرلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئامان -ئېسەن تەڭرى تاغلىرىدىن ئۆتۈپ كۇچارغا يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ سەپەر جەريانىدا يۇلتۇز دېگەن جايدىكى موڭغۇللارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ.
كۇچارغا ئۆتۈش سەپىرى
سەۋەب قىل، سەۋەب قىلغۇچىنى ئۇنۇتما!ھەقىقەت شۇكى، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمە!ساغۇنىي ئاتاڭ قىلىدۇ نەسىھەت،چۈشەنگەنلەر بۇندىن ئالغاي ئىبرەت.
دېمە: "ئۆزگەرمەس ئالەم-ئىش تامامدۇر"،نە بولغاي ئەتىكى كۈن ، ئۇنى كىم بىلۇر .ئۆزگەرتمەككە ھاياتىڭنى سەۋەب قىل،ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ چارىسىنى قىل .
چارىنىڭ بىرىنچىسى ئىلىم-مەرىپەتتۇر،جاھالەت بېشىغا توقماق ۋە تاياقتۇر.ئايرىدى بىزنى جاھالەت ۋەتەندىن،ۋەتەنلا ئەمەس، ھەم جانۇ-تەندىن
بولغۇلۇق بولدى، كىملىكىڭنى ئۇنۇتما ھەرگىز،ئۇنۇتما ، ھەي ئوغۇل ئۆزبېكلىكىڭنى.يۈتۈلۈپ كەتمەي ساقلا سەن مىللىتىڭنى،قۇتقاز قۇللۇققا چۈشكەن بۇ ئېلىڭنى.
ساقلىمىساڭ تىلىڭنى گەر ،يۈتەر سېنى دۈشمەن،تاشلار سېنى ئۇ ئاياقلىرىغا ھەم قۇل قىلار.يۈتمەككە تەييار سېنى بۇ ئەجدىھار،ھەي! ئاق-قارىنى ئايرىماس بالىلار.
نە بولدى، ئۇيغۇرىستان، ئاچ كۆزۈڭنى،كۆزۈڭ ئاچ! ئۆزبېكىستان، كۆر ئۆزۈڭنى.نە ئەردىڭ، ئەمدى نە بولدۇڭ، قاراپ باق ،قاچان بىر يەردە بولغان جۈپ بىلەن تاق.
پەرىشتىگە يېقىن بولغاي مۇسۇلمان،ئەگەر دىن بولسا، بۇ ھۆكۈمى قۇرئان .بىل ۋە ساقلا دىنىڭنى ھەي مۇسۇلمان،بۇندىن جۇدا بولغانغا مىڭ پۇشايمان.
ساغۇنىي ئاتا قىلدى بۇنداق نەسىھەتئەجەپ ئەمەس، كىشىلەر ئالسا ئىبرەت.
- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىخان تۆرە
ئەينى ۋاقىتتا يۇلتۇز يايلىقى ئىلى ۋادىسى بىلەن تارىم ۋادىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كارۋان ئۆتكەللىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ جايغا ئورۇنلاشقان موڭغۇل چارۋىچىلىرى ئىككى تەرەپتىن ئۆتىدىغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش، ئۇلارغا يول باشلاش ۋە مال-چارۋا تېپىپ بېرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئەلىخان تۆرىنىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" دا يېزىشىچە، بۇ موڭغۇللارنىڭ پۈتۈن تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بۇيۇملىرى، گۆشتىن باشقا ئوزۇق-تۈلۈكلىرى ئىلى ۋە تارىم ۋادىسىدىن كېلىدىغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئارقىلىق تەمىنلەنگەن بولغاچقا، ئۇلار يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەم ئۇلارنى ساق-سالامەت داۋانلاردىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا كاپالەتلىك قىلاتتى. غۇلجىدىكى شېڭ شىسەي ساقچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىشىدىن قورۇپ قېچىپ چىققان ئەلىخان تۆرە ئۆزى تەنھا ھالدا تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدىكى يايلاق ۋە داۋانلاردا جەنۇبقا ئۆتىدىغان يول ئىزدەپ، كۆپ ئازاپ چەكسىمۇ، بىراق ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتماي، دائىم ئاللاھنى ياد ئېتىپ، ئاللاھتىن نىجاتلىق تىلەيدۇ شۇنىڭدەك ئاخىرىدا ئۇيغۇر سودىگەرلىرىگە يولۇقۇپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشى ۋە ياردەم بېرىشىگە مۇيەسسەر بولىدۇ.
ياقۇپ بەگنىڭ چېگرا قورغىنىدىكى ئويلار
ئەلىخان تۆرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتىگىگە ئۆتكەندە كۇچارغا يېقىن جايدىكى سەكسەن كېچىك ۋە قىرغىز ئاشوۋ دېگەن جايلارغا يېتىپ كېلىپ، دەم ئالىدۇ. بۇ جايدا ئەينى ۋاقىتتا يەتتە شەھەر دۆلىتىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن قەشقەرىيىنى 14 يىل مۇستەقىل ئىدارە قىلغان ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىنىڭ چېگرا قورغانلىرىنىڭ خارابىلىرى ساقلىنىپ قالغان ئىدى. مەزكۇر ئىككى -ئۈچ يۈز كىشىگە جاي بولغىدەك چوڭ قورغان خارابىسى ئەينى ۋاقىتتا يولۇچىلارنىڭ چۈشىدىغان ئۆتۈڭىگە ئايلانغان ئىكەن.
ئۇنىڭ يېزىشىچە، قورغاننىڭ پەشتاقلىرى، تاملىرى ۋە باشقا قالدۇقلىرىدىن ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھە خېلى يۇقىرى بىناكارلىق ماھارىتى بىلەن ياسالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن.
ئەلىخان تۆرە ياقۇپ بەگنىڭ قازانغان جەڭ نەتىجىلىرى ۋە شان-شەۋكىتىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىش بىلەن قورغان تۇپراقلىرىنى كۆزىگە سۈرتۈپ ، ۋەتەن يولىدا ئۆز جانلىرىدىن ئايرىلغان ئەزىمەتلەرگە بولغان ھۆرمىتىنى ۋە سېغىنىشىنى ئىپادە قىلىپ، دۇئا قىلىدۇ.
ئەلىخان تۆرە ئەينى ۋاقىتتا 14 يىل ۋەتەن ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ، دۈشمەنلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان ياقۇپ بەگ باھا بېرىپ، ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن ئېچىنىپ مۇنداق دەيدۇ:
" ئۆز ۋاقتىدىكى ئەھۋاللارغا قاراپ، مەرھۇمنى( ياقۇپ بەگنى) بىر تەرەپتىن تەقدىرلىگەن بولسام، ئىككىنچى تەرەپتىن تەنقىدىي قاراشلىرىمدىن ئۆزۈمنى ساقلىيالمىدىم. چۈنكى، ئۆز زامانىسىدا پۈتۈن شارائىتلار قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. ئۇ ئىككى نۆۋەت لوندونغا، ئىككى نۆۋەت تۈركىيە سۇلتانى ئابدۇلەزىزگە ئەلچىلەر ئەۋەتتى. لوندون ئەلچىلىرى بىرىنچى بېرىشتە 12 مىڭ، ئىككىنچى بېرىشتە 24 مىڭ پەرەڭ مىلتىقى ئېلىپ قايتتى. بۇلار ئۆز زامانىسىدىكى زامانىۋى قوراللارنىڭ ئالدى ھېسابلانغانلىقتىن، پەقەت خىتاي قوراللىرىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئەشۇ زاماندا بىزنى بېسىۋالغان رۇس قوراللىرىدىنمۇ ياخشىراق ئىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن قولايلىق بولۇپ، ئەنگىلىيە بىلەن رۇسىيە دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى رىقابەت كەسكىنلىكى ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئۆسمەكتە ئىدى. مانا شۇنىڭغا ئوخشاش قولاي پۇرسەتلەر ئۆتۈپ، ئەتراپتا قاراپ تۇرغان كۈچلۈك ياردەمچىلەر ئۇنىڭ قولىدا تۇرۇپ، بۇلاردىن پايدىلىنىش يوللىرىنى تاپالمىدى"
ئەلىخان تۆرە ئاخىرىدا ياقۇپ بەگكە بولغان ئېچىنىشىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ. " دېمەك 14 يىللىق دۆلەت باشلىقى، ئەگەر چىن ئىرادىلىك بىر سىياسىي قوماندان بولسا، قولىدا قانۇن-نىزاملىرى، قوراللانغان 40 مىڭغا يېقىن ئىسلام ئەسكىرى تۇرسا، ئۆز دۆلىتىنى كافىر دۈشمەنگە قانداق تاپشۇرۇپ بەرسۇن-ھە؟"
ئازابلىق مۇساپىدىن تۇغۇلغان ۋەسىيەت
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئەينى ۋاقىتتا شۇنچە قۇدرەت تېپىپ، دۈشمەنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ياقۇپ بەگنىڭ ئەنە شۇنداق خاتاسى تۈپەيلىدىن قايتىدىن دۈشمەن تەرىپىدىن ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، ۋەتەننىڭ قايتىدىن مۇستەملىكىلىككە، خەلقنىڭ قايتىدىن قۇل قىلىنىش تەقدىرىگە دۇچار بولغانلىقىغا ئېچىنسىمۇ، ئەمما ئازادلىق يولىدىن قەتىي ئۈمىد ئۈزمەسلىكنى تەكىتلەپ، ۋەسىيەت تەرىقىسىدە بېيىتلىرى بىلەن بايان قىلىدۇ.
* ئۇيغۇرچە
© 2005 رادىئو فرەئە ئاسىئا
--------------------------------------------------------------------------------
ئايبەك09-01-2005، 09:28 پمئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (14)
2005.09.01
تو ۋىئەۋ لىنكس ئىن تھىس فورۇم يوئۇر پوست كوئۇنت مۇست بە 1 ئور گرەئاتەر. يوئۇر پوست كوئۇنت ئىس 0 مومەنتارىلي. ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىنىڭ ئاخىرىنى كۇچاردا قولغا ئېلىنىپ، ئاقسۇ تۈرمىسىگە يۆتكىلىشى جەريانى بىلەن تۈگىتىدۇ.
ئەلىخان تۆرە ئوخشاشلا شېڭ شىسەينىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان ئىدى
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي 1937-يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىدا كۇچاردا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل كۇچار تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىلىدۇ ھەمدە قاتتىق قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنىدۇ. ئەلىخان تۆرە ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ كۇچارغا كېلىشىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تېۋىپ ئىكەنلىكىنى، خوتەڭە ھىندىستاننىڭ دورىلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ماڭغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىراق، شېڭ شىسەينىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قوللىرىدا ئەلىخان تورىنىڭ ماتېرىياللىرى تولۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇنى ئاقسۇدىكى باش ساقچى ئورگىنىغا ئەۋەتىدۇ.
ئەلىخان تۆرە كىتابىدا بايان قىلىشىچە، ئۇنى ئىككى ئۇيغۇر ۋە بىر قىرغىز ساقچى باشلىقى ئاقسۇغا يالاپ ئېلىپ بارىدۇ، يول ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېلىپ مېڭىلغان تۇراخۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئەلىخان تورىگە قېچىپ كېتىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەپ، تەۋەككۈل قىلىشقا قوشۇلمايدۇ. ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ ئاقسۇ تۈرمىسىگە قامالغان ۋاقتىنىڭ 1938-يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئايلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 1937-يىلىدىن باشلاپ، 1938-1939-يىللىرى شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا خەلق ئۈستىدىن ئەڭ دەھشەتلىك تەررور ئېلىپ بارغان ۋاقىتلىرى بولۇپ، بۇ چاغدا جەمىيەتنىڭ ھەممە تەبىقىسىدىكى، ھەر خىل ئىدىيىدىكى ئادەملەر تۈركۈملەپ قولغا ئېلىنغان.
ئەلىخان تورىنىڭ يېزىشىچە، ئۇنىڭ بىلەن ئاقسۇ تۈرمىسىدە ياتقانلارنىڭ ئىچىدە، قازى، مۇفتى-ئەلەم ئاخۇنلاردىن باشلاپ، ئىمام ئاخۇن، مەزىن ئاخۇن قاتارلىق دىنىي ساھەنىڭ ئادەملىرى ھەمدە ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئىشلىگەن شاڭيو، بەگ، يۇرت ئاقساقىلى قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. ئەلىخان تۆرە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھېچ ئىشتىن خەۋىرى يوق قارا -قوساق ئادەملەر ئىدى دەپ تەرىپلەيدۇ.
ئەلىخان تۆرە ئاقسۇ تۈرمىسىگە قامالغان ۋاقىتتا شېڭ شىسەي پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە قولغا ئېلىش ۋە ئۆلتۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ قىرغىنچىلىقتا خوجا نىياز ھاجىم، سابىت داموللا قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆلتۈرۈلدى. ھەتتا شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىشىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلارمۇ ساق قالمىدى. شېڭ شىسەينىڭ قولىدا ئەينى ۋاقىتتا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار بار بولسىمۇ، ئەمما بۇ ساننىڭ بۇ مەلۇماتتىن خېلىلا كۆپ بولۇشى مۆلچەرلىنىدۇ.
"تۈركىستان قايغۇسى" نىڭ 2-كىتابى نەشىرگە تەييارلانماقتا
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تورىنىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىنىڭ ئاخىرقى بەتلىرى ئاقسۇ تۈرمىسىدىكى ئىشلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەمما ، كىتابنىڭ ئاخىرقى سۆز قىسىمدا كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغان ئەلىخان تورىنىڭ نەۋرىسى ئۇۋايىسخان ئەلىخان تورىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ كىتابنى شۇ يەردە توختاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئەلىخان تورىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاقسۇ تۈرمىسىدىن قانداق چىققانلىقى ۋە قانداق قىلىپ، غۇلجىغا كەتكەنلىكى شۇنىڭدەك مىللىي ئىنقىلابنىڭ باشلىنىشى ۋە جەريانى ھەققىدىكى بەزى بىۋاستە ئۆزى بىلىدىغان ئىشلارنى ئوغلى ئاسىلخان تورىگە سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئەمما، ئۇنى تېخى رەسمى كىتاب شەكلىگە كەلتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەي، 1976-يىلى، 29-فېۋرال كۈنى ۋاپات بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئەلىخان تۆرە پەرزەنتلىرىگە ئاخىرقى ۋەسىيەت تەرىقىسىدە " تۈركىستان قايغۇسى" نى رەسمى كىتاب قىلىپ چىقىرىپ، ۋەتەن بالىلىرىغا يەتكۈزۈشنى پەرزەنتلىرىدىن تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە، قىرغىزچە تىللاردا نەشىر قىلىنىپ، تۈركىستان پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇنىڭ قالدۇرغان ۋەسىيەتلىرىدىن ساۋاق ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرىدۇ.
تۈركىستان قايغۇسى ناملىق بۇ كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى يەنى ئەلىخان تۆرىنىڭ نەۋرىسى ئۇۋايىسخان ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئۇلار ھازىر ئەلىخان تۆرىنىڭ 1946-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پائالىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان " تۈركىستان قايغۇسى" نىڭ 2-كىتابىنى يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپتۇ. (تۈگىدى) ( ئۈمىدۋار)
订阅:
博文评论 (Atom)
没有评论:
发表评论